باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى: دۇنيا يېڭى ئابىدىگە ئىنتىزار بولماقتا

2016.05.31 13:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20 دۆلەت گۇرۇھى (G20) باشلىقلار يىغىنى بۇ يىل 9-ئايدا جۇڭگونىڭ خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولغاندىن ھازىرغىچە، جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھى رامكىسىدا كۆپ قېتىم يىغىن ئۆتكۈزۈپ، خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق قىلدى.

  چەت ئەللىك زاتلارنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئىقتىسادىي ساھەگە قايتىشتىكى ئاساسىي ئېقىمىنى ئۈنۈملۈك قۇرۇپ چىققان بولۇپ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ياخشى ئاساس تىكلىگەن. خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىقتىدارىغا ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ. بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى تارىخىدا يېڭى ئابىدە تىكلىشىگە ئىنتىزار بولماقتا.

  بۇ قېتىملىق 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى دەل ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بولۇپ، جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇپ، ئىقتىسادىي گەۋدە مىقدارى دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن بەش يىلدا جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %35كە يەتكەن.

  جۇڭگو تەرەپ «ئىجادچان، جانلىق، تەڭ سىلجىيدىغان، سىغدۇرۇشچان دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىش»نى بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ باش تېمىسى قىلدى ھەم «ئېشىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش»، «دۇنيا ئىقتىسادى، پۇل مۇئامىلىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمدە تۈزەش»، «كۈچلۈك بولغان خەلقئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش»، «سىغدۇرۇشچان ۋە تەڭ سىلجىيدىغان تەرەققىيات» تۆت چوڭ مۇھاكىمە بۆلىكى تەسىس قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر