باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت پاراۋانلىقى خەير-ساخاۋەت تۈرىدىكى ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى بىۋاسىتە تىزىملىتىشقا ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ

2016.05.31 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەير-ساخاۋەت قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانا بولمىغان خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئورۇنلارنىڭ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېقىندا «كارخانا بولمىغان خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئورۇنلارنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق نىزامى» (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھە پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)نى ئېلان قىلدى. لايىھەنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئاپپاراتى تەسىس قىلىشقا ئىلتىماس قىلغاندا، بۇ نىزام بويىچە تىزىملىتىش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئاپپاراتى تەسىس قىلىشنى ئۆز كەسپىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈپ ماقۇللىشى كېرەك .

  پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا بەلگىلىنىشىچە، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئاپپاراتى تەسىس قىلىشتا، تۆۋەندىكى ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىغا بىۋاسىتە تىزىمغا ئېلىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن: تەبىئىي پەن ۋە قۇرۇلۇش تېخنىكىسى تەۋەسىدە ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پەن-تېخنىكا تۈرىدىكى ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى؛ نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، ياشانغانلارغا يار-يۆلەك بولۇش، يېتىم- يېسىرلارنى قۇتقۇزۇش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، داۋالىنىشقا ياردەم بېرىش، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىدىغان جامائەت پاراۋانلىقى خەير-ساخاۋەت تۈرىدىكى ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى؛ شەھەر-يېزا مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغان شەھەر-يېزا مەھەللە مۇلازىمەت تۈرىدىكى ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر