باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن پۈتكۈل ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر - بالىلارغا خەت يازدى

ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، ئىتتىپاق ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ياخشى ئۆسمۈرلەردىن، ئۆگىنىشنى ۋە ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن، مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان، تەرتىپكە بويسۇنىدىغان ياخشى بالىلاردىن بولۇڭلار

2016.05.31 16:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1 - ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن 27 - ماي پۈتكۈل شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر - بالىلارغا خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى، ئۇلارنى ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، ئىتتىپاق ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ياخشى ئۆسمۈرلەردىن، ئۆگىنىشنى ۋە ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن، مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان، تەرتىپكە بويسۇنىدىغان ياخشى بالىلاردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر - بالىلارنىڭ ساغلام، خۇشال - خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  خەتنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  سۆيۈملىك پىيونېرلار، كىچىك دوستلار:

  1 - ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۈتكۈل شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر - بالىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن، ۋەتەن غۇنچىلىرىنى جاپالىق تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈۋاتقان باغۋەنلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن، پىيونېرلار ئەترىتى ئاپتونوم رايونلۇق 6 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

   ئۆسمۈرلەر - بالىلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن بۇيان باش شۇجى شى جىنپىڭ پىيونېرلار پائالىيىتىگە ئۇدا ئۈچ يىل قاتناشتى ھەم پىيونېرلار ئەترىتى مەملىكەتلىك 7 - قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلىپ، پۈتكۈل مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر - بالىلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ ياخشى ئادەم بولۇش، ئىرادە تىكلەش ۋە ئىجادكار بولۇشنى ئۈمىد قىلدى، بۇنىڭدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۆسمۈرلەر - بالىلار ۋە پىيونېرلار خىزمىتىگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقى ۋە سەمىمىي ئۈمىد باغلايدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۆسمۈرلەر - بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ۋە پىيونېرلار خىزمىتىگە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. بۇلتۇر بالىلار بايرىمى ھارپىسىدا، مەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 44 - باشلانغۇچ مەكتەپتە ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر - بالىلار بىلەن بايرامنى تەڭ تەبرىكلەپ، كۆپچىلىكنى ۋەتەننى، يۇرتنى قىزغىن سۆيىدىغان پىيونېرلاردىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پىئونېرلاردىن ۋە ياخشى ئىدىيەگە ئىگە پىئونېرلاردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇرغان ئىدىم. بىر يىلدىن بويان، پۈتكۈل شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر - بالىلار ئائىلە، مەكتەپ، پىئونېرلار تەشكىلاتلىرى ۋە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ غەمخورلۇق قىلىشى بىلەن، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدى، بۇ كىشىنى سۈيۈندۈرىدۇ.

  ئۆسمۈرلىك دەۋرى گۈزەل كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ باشلىنىشى، ئۇلۇغۋار غايە مۇشۇ ۋاقىتتا تۇغۇلىدۇ، ئېسىل ئەخلاق - پەزىلەت مۇشۇ ۋاقىتتا يېتىلىدۇ، ياخشى ئادەت مۇشۇ ۋاقىتتا شەكىللىنىدۇ، شانلىق ھاياتلىققا مۇشۇ ۋاقىتتا ئاساس سېلىنىدۇ. شۇڭا، ساۋاغداشلار كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، ياخشى ئادەم بولۇشنى، ئۆگىنىشنى، تۇرمۇشنى ۋە ئىجادىيەتنى بىلىۋېلىشى كېرەك. گۈزەل تۇرمۇش سىلەرگە مەنسۇپ، گۈزەل جۇڭگو ئارزۇسى سىلەرگە مەنسۇپ.

  مەن ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر - بالىلارنىڭ ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، ئىتتىپاق ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ياخشى ئۆسمۈرلەردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭ ئەزەلدىن تارتىپ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. ئۆسمۈرلەر - بالىلار دۆلەتنىڭ كىچىك خوجايىنلىرى، شۇڭا ئۇلۇغۋار غايىنى تۇرغۇزۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ھازىر ۋەتەننىڭ ياخشى ئۆسمۈرلىرىدىن بولغان بولساڭلار، كەلگۈسىدە ۋەتەننى گۈللەندۈرگۈچىلەردىن بولىسىلەر. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قەلبداش، قېرىنداش. مەن ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر - بالىلارنىڭ ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئىتتىپاق - دوستانە ئۆتۈپ، بىللە ئويناپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قاراىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر - بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆگىنىش ئۆسۈپ يېتىلىش، ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى پەلەمپەي. ساۋاقداشلار پەن - مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىپ، كىچىكىڭلاردىن باشلاپ ئىلىم - پەنگە بولغان ھەۋەس ۋە ئىلىم - پەن روھىنى يېتىلدۈرۈپ، كۆزىتىشكە ماھىر بولۇپ، دادىل ئىزدىنىپ، پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئادەت قىلىپ، بىلىم - مەرىپەتنىڭ دېڭىز - ئوكيانلىرىدا نەزەر دائىرەڭلەرنى كېڭەيتىڭلار، قابىلىيىتىڭلارنى ئاشۇرۇڭلار. كىچىكىڭلاردىن باشلاپ ئەمگەك شەرەپلىك دېگەن قاراشنى تۇرغۇزۇپ، ئەمگەك ئارقىلىق ئىرادە تىكلەپ، ئۆزۈڭلەرنى چېنىقتۇرۇپ، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان روھنى يېتىلدۈرۈپ، ئەمگەكچان ئىككى قولۇڭلار ۋە ئەقىل - پاراسىتىڭلارغا تايىنىپ ئارزۇيۇڭلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇڭلار. ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر - بالىلارنىڭ مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان، تەرتىپكە بويسۇنىدىغان ياخشى بالىلاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز ھەر بىرىمىز باشقىلارنىڭ مېھنىتى ئاتا قىلغان خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولىمىز، بىزدە چوقۇم مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان قەلب بولسۇن، ئاتا - ئانىمىز، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز، ۋەتەن ۋە جەمئىيەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. تەرتىپكە بويسۇنىدىغان ياخشى ئادەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، قاتناش قائىدىسىگە بويسۇنۇپ، مەكتەپنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئەخلاقلىق، مېھىر - شەپقەتلىك بولۇڭلار، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت سىلەر سەۋەبلىك تېخىمۇ ئىناق، گۈزەل بولسۇن.

  پىيونېرلار ئەترىتى ئۆسمۈرلەر - بالىلارغا ئىدىيە - ئەخلاق تەربىيەسى بېرىدىغان ۋە مەنىۋى ساپاسىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدىغان چوڭ مەكتەپلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆسمۈرلەر - بالىلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشى كېرەك. ئىشىنىمەنكى، يالقۇنلاۋاتقان مەشئەلنىڭ نۇرىدا، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا، پۈتكۈل شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر - بالىلار جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرى بولالايدۇ.

  پۈتكۈل شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر - بالىلارنىڭ ساغلام، خۇشال - خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تىلەكداشمەن!

  جاڭ چۈنشيەن

  2016 - يىل 27 - ماي


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر