باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پىيونېرلار ئەترىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 6 - قۇرۇلتىيى ئېچىلدى

جاڭ چۈنشيەن خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى

2016.05.31 16:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چوغدەك قىزىل گالىستۇك، كۆتۈرەڭگۈ، روھلۇق خۇشال چىرايلار، پەخىرلىنىش ئىلكىدە بېرىلگەن ئەترەت سالىمى. 27 - ماي چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 300دىن كۆپرەك پىيونېر ۋەكىلى خۇشال - خۇرام ھالدا شىنجاڭ خەلق سارىيىغا جەم بولۇپ، پىيونېرلار ئەترىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 6 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى كۈتۈۋالدى. قۇرۇلتايدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەننىڭ «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر - بالىلارغا يازغان خېتى» ئوقۇلدى. جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر - بالىلارنىڭ «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى، ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر - بالىلارنى ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، ئىتتىپاق ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ياخشى ئۆسمۈرلەردىن، ئۆگىنىشنى ۋە ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن، مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان، تەرتىپكە بويسۇنىدىغان ياخشى بالىلاردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر - بالىلارغا يېزىلغان خەت»نى ئوقۇدى.

  پىيونېرلار ئەترىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 5 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پىيونېرلار ئەترىتى تەشكىلاتى پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتىنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆسمۈرلەر - بالىلار ۋە پىيونېرلار خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، «پىيونېرلارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ»، «پىيونېرلارنىڭ بېيجىڭدا ئۇچرىشىش ئارزۇسى»، «پىيونېرلارنىڭ يۇرتتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئىزدىشى»، «دۆلەت بايرىقى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشىمەن» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇپ، پىيونېرلارنى يۇقىرىغا ئىنتىلىدىغان، ياخشىلىققا تەلپۈنىدىغان ئاكتىپ كۈچلەردىن بولۇشقا يېتەكلىدى؛ جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ، شەھەر بىلەن يېزا، خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر، ئارمىيە بىلەن يەرلىك قول تۇتۇشۇش ۋە «ئۆيۈمگە كېلىپ ساڭزا يەپ كېتىڭ، مەن ئۆيىڭىزگە بېرىپ ئايتوقاچ يەي»، «مېنىڭ شەھەر (يېزا)دە ئائىلەم بار» قاتارلىق دائىملاشقان، ئادەتكە ئايلانغان، نورماللاشقان ھېسسىيات يۇغۇرۇش ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر - بالىلار ئارىسىدا كىچىكىدىن باشلاپلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقى چاچتى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئەھمىيەت بېرىپ، رەھبەرلىك ۋە كاپالەتنى كۈچەيتىپ، ئۆسمۈرلەر - بالىلارغا كۆپرەك ياخشى، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشى كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پۈتۈن ئىتتىپاق ئەزالىرىنى يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ خىزمەتلەرنى ئىجادىىي قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى پىيونېرلار خىزمىتىنى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈپ، پىيونېرلار ئەترىتى يېتەكچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى قوللىشى كېرەك. پىيونېرلار يېتەكچىلىرى مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، پىيونېرلار خىزمىتىنى قىزغىن سۆيۈپ، تەقدىم قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ساپاسى، ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پىيونېرلار ئەترىتى ئىشلىرىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.

  يىغىندا پىيونېرلار ئەترىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 5 - نۆۋەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، پىيونېرلار ئەترىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 6 - نۆۋەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرى سايلاپ چىقىلدى. مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي قاتارلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتلىرى خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى.

  قۇرۇلتايدا ئالتاي شەھىرى، كورلا شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كەلگەن پىيونېرلار ئەترىتى ۋەكىللىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەردىكى ئۆسمۈرلەر - بالىلار بىلەن خەت يېزىشىش شەكلىدە قانات يايدۇرغان «قول تۇتۇشۇش، قوشماق بولۇش» پائالىيىتى، شەھەردىكى ئۆسمۈرلەر - بالىلار بىلەن يېزىدىكى ئۆسمۈرلەر - بالىلار ئارىسىدا قانات يايدۇرۇلغان كىچىك ھەمراھلار دوستلىشىش پائالىيىتىگە دائىر قىزىقارلىق ئىشلار ۋە تەسىراتلاردىن ئورتاق بەھرىلەندى. ئارقىدىن پىيونېرلار ۋەكىللىرى شىنجاڭ پەن - تېخنىكا كۆرگەزمىخانىسىغا بېرىپ، «ئىلىم - پەننى ھېس قىلىش» پائالىيىتىگە قاتناشتى، بالىلار تىياتىرى «يەلپۈنۈۋاتقان قىزىل گالىستۇك»نى كۆردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر