- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى شەھىرى «مەملىكەت بۇيىچە ئون چوڭ بەختلىك شەھەر» دېگەن نامغا ئېرىشتى
2016.05.31 16:32 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە-ئىقتىساد قانىلىدا 7-مارت كۆرسىتىلگەن 2015-2016-يىللىق «جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش» سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىش كېچىلىكى ۋە ئون چوڭ بەختلىك شەھەرگە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى 2015-يىللىق «جۇڭگو بۇيىچە ئون چوڭ بەختلىك شەھەر»قاتارىغا كىردى.
«جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش» مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە-ئىقتىساد قانىلى ئويۇشتۇرغان كۇرسلۇق پائالىيەت، شۇنداقلا جۇڭگو بۇيىچە كۆلىمى ئەڭ كەڭ، ئېرىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان تاراتقۇ تەكشۈرۈش پائالىيىتى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر ئۈرۈمچى شەھىرىدە زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ بەختلىك ھېس قىلىش نىسبىتى %54.25 بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەر ئاھالىلىرى يېقىنقى بەش يىلدىن بويانقى ئېكولوگىيەنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشىغا ئاۋاز بېرىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان، ئىقتىسادنىڭ «مۇقىملىق داۋامىدا ئىلگىرىلەش» يۈزلىنىشىنى ئېتىراپ قىلىش نىسبىتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولغان.
2011-يىلىدىن بويان، ئۈرۈمچى شەھىرى «خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش يىلى» پائالىيىتىنى ئۇدا يولغا قويدى. بۇ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتاق قۇرۇلۇشى، BRT تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتنىشى، «كاتەكچە يول» قاتناش قۇرۇلۇشى، كۆك ئاسمان قۇرۇلۇشى، مەملىكەتلىك باغۋارانلاشقان شەھەر بەرپا قىلىش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى ھەر يىلى شەھەر ئاھالىلىرىگە ۋەدە بېرىپ قىلىپ بەرمەكچى بولغان 100 ئەمەلىي ئىشنى تۇلۇق ئورۇنلىدى، بۇنىڭ بىلەن ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر