باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ خىزمىتىگە مۇھىم يوليورۇق بەردى

2016.06.01 14:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا قانات يايدۇرغان «يېڭىلىق يارىتىشتا بىرىنچىلىكنى تالىشىش ھەرىكىتى»گە مۇھىم يوليورۇق بەردى.

  يوليورۇقتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېڭىلىق يارىتىش-تەرەققىياتقا يېتەكلەيدىغان بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى. ئېلىمىزدە 81 مىليون پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسى بار، بۇ-يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىياتنى يولغا قويۇشنىڭ يادروسى ۋە تۈۋرۈكى. «يېڭىلىق يارىتىشتا بىرىنچىلىكنى تالىشىش ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇشتا، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىرادە تىكلەپ دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئاتلىنىش، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەشتىكى تارىخىي مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. بارلىق پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى خەلقئارانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى پەن-تېخنىكىنى نىشانلاپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيە ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، يېڭى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، قىيىن ئۆتكەللەرنى يېڭىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ئامما ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشقا پائال ئاتلىنىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ قوللىنىش ۋە تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك. مەن جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئېچىۋېتىشچان، تۈگۈنلەشكەن، سەھنىلەشكەن كوللېكتىپ تەشكىللەش ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭىلىق يارىتىش تۇپرىقىنى مۇنبەتلەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ دادىل يېڭىلىق يارىتىشى، ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشقا يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر