باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى مەملىكەتلىك زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان شەھەر قاتارىغا كىردى

2016.06.02 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى، شاڭخەي شەھىرى قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق شەھەر مەملىكەتلىك زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان شەھەر بولۇپ تەستىقلاندى.

  31-ماي، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 شەھەرنى مەملىكەتلىك زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان شەھەر قىلىپ بېكىتكەن.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا تاللانغان شەھەر زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان تۈزۈلمە مېخانىزمنى تىرىشىپ تاماملاپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى تەرەققىياتىدىكى تۈزۈم ۋە نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئوبوروت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان شەھەرلەر سېپىگە كىرىشتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىسى: ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازىسى بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمىتى ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى، ئايروپورتقا يېقىن كەسپىي ئەشيا ئوبوروتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى يىغىپ ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا يۈزلەنگەن مۇھىم خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنىنى شەكىللەندۈرۈش؛ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»دىكى يادرولۇق رايونى مۇھىم تۈگۈنى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، چوڭ ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەشيا ئوبوروت بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، تۆمۈر يول، ئاۋىياتسىيە، تاشيول ئەشيا ئوبوروتىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم ماددى ئەشيا مەركىزى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر