باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى

2016.06.02 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2 - ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 2 - ئىيۇن « شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى » ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. ئاق تاشلىق كىتاب تەخمىنەن 8600 سۆز، مۇقەددىمە، خاتىمە قىسمىدىن باشقا يەتتە قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دىننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى چوقۇم ئۆزى تۇرۇۋاتقان جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشى، يەرلىكلەشتۈرۈش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك؛ دىنلار ئارىسىدىكى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئۆزئارا سىڭىشىشىدە چوقۇم مەردانە بولۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئىناق ئۆتۈشى كېرەك; دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، دىنىي ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشتىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپى شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى تولۇق ھۆرمەت قىلىندى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى ئۈنۈملۈك قاندۇرۇلدى، دىننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئىجابىي رولى خېلى ياخشى جارى قىلدۇرۇلدى، ھۆكۈمەتنىڭ دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، دىنىي ساھەدىكى تاشقى ئالماشتۇرۇش پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىلدى، دىن ئەسەبىيلىكىنىڭ سىڭىپ كىرىپ يامراش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو دۆلەت ئەھۋالىنى ئاساس قىلىشتا، دىننى مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، چېگرا سىرتىدىكى ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ جۇڭگونىڭ دىن ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايدۇ. جۇڭگو سوتسىيالىستىك دۆلەت، شىنجاڭدا دىن نۆۋەتتىكى دەۋر شارائىتىدا مەۋجۇت بولىدۇ ۋە پائالىيەت قىلىدۇ. دىننىڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشىدا چىڭ تۇرۇش ھەم جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى تەلىپى، ھەم دىننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ئېھتىياجى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: ھازىر، شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالىنى ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىر تارىخىي مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا ھەرقانداق بىر پاكىتقا ھۆرمەت قىلغۇچى ئىنكار قىلمايدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى دىن مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا، دىن مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھازىر، جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇرۇنقىدەكلا باراۋەر، دوستانە بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا تاشقى ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان دىن، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر