باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە پەلەستىن ۋە ئەرەب ئەللىرى بىلەن تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

2016.06.01 16:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لىبىرمان 30-ماي كەچتە: ئىسرائىلىيە ئىككى دۆلەت لاھىيەسى ۋە ئەرەب تىنچلىق تەشەببۇسى ئاساسىدا پەلەستىن ۋە ئەرەب ئەللىرى بىلەن بولغان تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ دېدى. نىتانىياخۇ 30-ماي كەچتە يېڭى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لىبىرماننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىق قوشنىلىرى بىلەن بولغان تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يەنىلا كۈچ چىقىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە ئەرەب تىنچلىق تەشەببۇسى ئىجابىي ئامىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىلا ئاندىن ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئىجابىي سۆھبەتنى قايتىدىن باشلىيالايدۇ. ئىسرائىلىيە ئەرەب ئەللىرى بىلەن ئەرەب تىنچلىق تەشەببۇسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدە سۆھبەتلىشىشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر