باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

زەپەر قۇچۇۋاتقان شىجائەتلىك ئايال

2016.06.01 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  _ شايار ناھىيەسى يانتاقشەھەر يېزىلىق دېھقان ئاياللىرى كەسپىي كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپراتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى خانئايشەم ئايۇپ توغرىسىدا

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شايار ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن زۆھرەگۈل ھامۇت)

  ئەتراپىمدا بەزىلەرنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ روناق تېپىۋاتقانلارغا ھەسەت قىلىپ: «ئۇنىڭ زۇۋۇلىسى چوڭ ئۈزۈلگەن، ئارقا تىرىكى كۈچلۈك، شۇڭا قولىنى قەيەرگە سۇنسا شۇ يەرگە يېتىدىغان كاتتا بايلاردىن بولۇپ كەتتى. ئۇنداق بولمىغىنىدا ئۇنىڭغا بۇ ئىمتىياز نەدە ئىدى؟» دېگەندەك پىتنە-پاساتلارنى تېرىپ يۈرگىنى قۇلىقىمغا كىرىپ قالىدۇ. كۈزىتىشىمگە ئاساسلانغاندا، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ بېيىش يولىغا قەدەم قويغان كارخانىچىلارنىڭ مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى، كىشلىك تۇرمۇش پەلسەپىسى، كۈندىلىك ئىش-ھەرىكەت مىزانى بىكارتەلەپ، لايغەزەل، بوشاڭ، مىشچان، باشقىلارغا يۆلىنىۋېلىشقا ئامراق بەزى كىشىلەردىن تۈپتىن پەرقلىنىدىكەن. ئۇلار ئەگرى-توقاي تۇرمۇش مۇساپىسىدە جاپا-مۇشەققەتكە، ھېرىپ-چارچاشقا، باشقىلارنىڭ ئۆسەك سۆزلىرىگە بەرداشلىق بېرىپ، ھالال تەر تۆككىنى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بار كۈچى بىلەن تىرىشقانلىقى ئۈچۈن ھاياتلىقتىن ئالىدىغان ھاسىلاتلىرىمۇ كۆپ بولىدىكەن. ئۆزى قىردىن ئاشالمايدىغان، قىردىن ئاشقانلارنى كۆرەلمەيدىغان ئىچى تار كىشىلەر ھېچبىر ئاساسى يوق قاراشلىرى بىلەن جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرالمايلا قالماستىن، بەلكى باشقىلارنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ قالىدىكەن.

  بۇ يىل 11-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى تاسادىپىي پۇرسەتتە شايار ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئارقىلىق يانتاقشەھەر يېزىلىق دېھقان ئاياللىرى كەسپىي كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپراتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى خانئايشەم ئايۇپنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئېرىشتىم. راستىمنى ئېيتسام ئۆزۈم ياشاۋاتقان بۇ خاسىيەتلىك زېمىندا خانئايشەمگە ئوخشاش بىر دېھقان ئايالنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، نۇرغۇن ئايالنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە يۈكىنى يەڭگىللەتكەنلىكى ھەم بۇ جەرياندا نۇرغۇن شان-شەرەپ ۋە ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلمەي يۈرگىنىمدىن خېجىل بولدۇم. ئۇنىڭ قازانغان نەتىجىلىرى مېنى ئۆزىگە جەلب قىلىۋالدى. ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىش مەقسىتىدە ئۇنى زىيارەت قىلغىنىمدا، ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن ئەھۋال تونۇشتۇردى.

  خانئايشەم كىچىك ۋاقىتلىرىدا، ئۇنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى شارائىتى ئىنتايىن ناچار ئىكەن. ئائىلىسىنىڭ ناچار ئىقتىسادى مۇھىتى ئۇنىڭ گۆدەك قەلبىدە: «چوڭ بولغاندا كۆپرەك پۇل تېپىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش» ئىستىكىنى قوزغاپتۇ.

  ئەينى چاغدا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنى ئوقۇتۇش ئارزۇسى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئىقتىسادى شارائىتى يار بەرمىگەچكە، ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئوقۇغان بولغاچقا، كىچىكىدىن باشلاپلا كەشتە تىكىشنى ئۆگىنىپتۇ. تاسادىپىي پۇرسەتتە ئۇ ئۆزى كەشتىلىگەن ياستۇق ۋە داستىخاننى شەھەردىكى ئۆي جاھازىلىرى دۇكىنىغا ئاپىرىپ سېتىپتۇ. دۇكان غوجايىنى ئۇنىڭغا: «ئىنتايىن چىرايلىق ۋە سىپتا كەشتىلەپسىز، خېرىدارلار ياخشى كۆرۈپ بەس-بەستە سېتىۋالدى، سىز ئېلىپ كەلگەن كەشتىنىڭ ھەممىسى تېزلا سېتىلىپ تۈگىدى» دەپتىكەن، ئۇ خۇشال بولۇپ، قەلبىدە كەشتىچىلىككە چىن ئىشتىياق باغلاپتۇ. شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ كەشتىلەرنى تېخىمۇ سىپتا ۋە كۆركەم كەشتىلەش ئۈچۈن پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلىپتۇ.

  ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنى كۆرگەن ئەتراپىدىكى ئىشسىز ئاياللار ئۇنىڭدىن ھۈنەر ئۆگىنىش ئۈچۈن بىر-بىرلەپ كېلىشكە باشلاپتۇ. شۇنداق قىلىپ بىر مەزگىل ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئاياللارغا ھۈنەر ئۆگىتىپ ھەم ئۆزۈمگە ئوخشاش كەشتىچىلىككە قىزىقىدىغان قىز-ئاياللاردىن يىغىپ بىر كوپىراتىپ قۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ.

  نېسىۋىگە ئېرىشەي دىسەڭ ئەجىر قىل

  ھاياتلىقتا ھەر كىمنىڭ ئەجرىگە يارىشا نېسىۋىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقى ئۆزگەرمەس ھەقىقەت. خانئايشەم 2005-يىلى ئۆز يېزىسىدىكى بازاردىن كىچىك بىر دۇكان ئىجارىگە ئېلىپ، ئۆزى كەشتىلىگەن كەشتە بويۇملىرى ۋە ھەر خىل ساياھەت بويۇملىرىنى بازارغا سالدى. مەھسۇلاتنىڭ سۈپەتلىكلىكى، تۈرلىرىنىڭ سەر خىللىقى بىلەن ئۇزاق ئۆتمەي يىراق-يېقىنغا تونۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى ۋە ھۈنەر ئۆگىنىدىغانلار تېخىمۇ كۆپەيدى. نۇرغۇنلىرى ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىدىغان ئۇستام بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ، ئۆزى كەشتىلىگەن مەھسۇلاتلىرىنى خانئايشەمگە سېتىپ بېرىشكە تاپشۇرۇپ، ئىقتىسادىي كىرىمىنى ياخشىلىدى. 2012-يىلىغا كەلگەندە خانئايشەم دۇكاننى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىپ، ئەتراپىدىكى ئون نەچچە ئادەمنى تەشكىللەپ، شايار ناھىيەلىك دېھقان ئاياللار گۈل كەشتە كوپىراتىپىنى ئەنگە ئالدۇردى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن شايار ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى خانئايشەمگە 50 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز قەرز ئېلىپ بەردى. ئۇنى سۇجۇ، چاڭشا، خەينەن، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا ئۆگىنىشكە ئەۋەتتى، ئۆگىنىش ئارقىلىق خانئايشەمنىڭ نەزەر دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيدى. ئۇ ئۆگىنىش جەريانىدا ئۆز يۇرتىنىڭ كەشتىچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بوشلۇقىنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتى. ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى ئاستىدا، ئۇ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ كىچىك تىپتىكى ئائىلە كەشتىچىلىك بازىسى ۋە دېھقان ئاياللىرى كەسپىي كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپراتىپىنى قۇردى. ئەتراپىدىكى تېخىمۇ كۆپ قىز-ئاياللار ئۇنىڭدىن كەشتىچىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگەندى، ئېرى ئۇنى ئىزچىل رىغبەتلەندۈردى ھەم يېقىندىن قوللىدى. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى.

  مەن خانئايشەمنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆزلىرىدە تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ، يىمىرىلمەس جاسارەت، سەمىمىيلىك نۇرلىرى بالقىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. بۇ كۆزلەر ئۆز غايىسىگە يېتىش ئۈچۈن سەۋىرچانلىقنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان ئۈمىدۋار كۆزلەر ئىدى...

  ئۇ: «بىز ئاياللار كىچىككىنە بىر تال يىڭنىگە تايىنىپمۇ پۈتۈن ئائىلىنىڭ بەختى ۋە گۈزەل كىشلىك ھاياتىنى يارىتالايدىكەنمىز» دەيدۇ. خانئايشەم بۇ كوپىراتىپقا چوڭ تىپتىكى گۈل كەشتىلەش زاۋۇتىنى كىرگۈزۈپ، ئون نەچچە ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  2014-يىلىغا كەلگەندە، ئەسلىدىكى ئون نەچچە ئادەم 35 ئادەمگە كۆپەيدى ۋە كەشتىچىلىك زاۋۇتىدىن يەنە ئىككىنى، گېلەم توقۇش ئۈسكۈنىسىدىن 10نى كىرگۈزۈپ، <<خانئايشەم>> ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى. 2015-يىلىغا كەلگەندە 30 دانە ئېلېكتىرونلۇق كىيىم تىكىش ماشىنىسى كىرگۈزۈپ، كوپىراتىپنى گۈل كەشتىلەش، گېلەم توقۇش، كىيىم تىكىش بىر گەۋدىلەشكەن ئىسمى-جىسمىغا لايىق دېھقان ئاياللار ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئايلاندۇردى، كوپىراتىپنىڭ ئادەم سانى 80 گە يەتتى. خانئايشەم بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماي، ئەتراپىدىكى ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىگە-چاقىسىز كىشىلەرگە ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ئۇلاردىن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 60 مىڭ يۈەن نەقپۇل، 75 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ماددىي بويۇم بىلەن ھال سورىدى.

  ئىزچىل ئىزدىنىش، بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق خانئايشەمنىڭ جاپالىق ئەجرى مىۋە بېرىپ، كەسپىي ھەمكارلىق كوپراتىپى خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئۇ 2013-يىلى 3-ئايدا شايار ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «دېھقان ئاياللىرى ئارىسىدىكى بېيىش ماھىرى» دېگەن نامغا، 2013-يىلى ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن «يېزا ياشلىرى ئارىسىدىكى بېيىش ماھىرى» دېگەن نامغا، 2014-يىلى «ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە 10 مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى چولپىنى»نىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 20 دىن كۆپ شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. ھەمكارلىق كوپراتىپىنىڭ نامىمۇ بارغانسېرى يىراق-يېقىنغا تارقالدى.

  «تىرىشچانلىق سولماس قانات»

  يېقىندا ئۇ ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشى ئاستىدا «يىپەك يولىدا قايتا مېڭىپ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە جاۋاب قايتۇرايلى» تېمىسىدىكى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ خاڭجۇ، شياڭگاڭ، شيامىن، شېنجېن، شاڭخەي، جياشىڭ قاتارلىق شەھەرلەرگە ئېكسكۇرسىيە ـ ئۆگىنىشكە باردى. يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر رايونى، شەھەر-يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش بازىسى، ئېكولوگىيە ساياھىتى يېزا ئىگىلىك مەنزىرە نۇقتىسى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ئۈلگىلىك كەنتى ۋە پارتىيەنىڭ تەرەققىيات خاتىرە سارىيى قاتارلىقلارنى كۆرۈپ، شاڭخەي قاتارلىق دېڭىز بويى شەھەرلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئىنتايىن تېز ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. 15 كۈنلۈك ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق نەزەر دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيدى، بىلىم سەۋىيەسى ئاشتى، ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ كۈچەيدى.

  ئۇ يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تەسىراتلىرىنى ھەمشىرىلىرىگە سۆزلەپ بەرگەچ: «ھازىر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى بەك ياخشى، خەلق قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا پارتىيەمىز شۇنى ھەل قىلىپ بېرىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، بىز ئىنتايىن ياخشى بىر ۋەزىيەتتە ياشاۋاتىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن بىز تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ ئاجىزلىق ھالقىسى نەدە؟ قايسى جەھەتلەردە ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان ئۆلكە، شەھەرلەردىن ئۆگىنىمىز، دىگەن مەسىلىلەردە ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۇنىۋېرسال بىلىم سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تىرىشىپ راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپىمىزنى قوشايلى!» دەپ سۆزلىگەندە، ھەمكارلىق كوپىراتىپ ئىچى ئىشچىلارنىڭ گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرىغا تولدى.

  خانئايشەمنىڭ ئۆزى باشلامچى بولۇپ ئەتراپىدىكىلەرنى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنى ئەسەبىيلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇشقا، ئىناق، مۇقىم جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىشقا يېتەكلىشى نەتىجىسىدە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئونىۋېرسال بىلىم ساپاسىدا زور يۈكسىلىشلەر بارلىققا كەلدى.

  بۇ يىل ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتىنى 1 مىليۇن 500 مىڭ يۈەندىن، كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىمنى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇش مۆلچەرلەندى.

  خانئايشەم: «مەن كىچىك بىر دۇكان ئېچىپ 2015-يىلى يېڭى دۇكانغا كۆچكىچە بولغان ئارلىقتا سالغان ئۇمۇمىي مەبلەغ 1 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يەتتى. مەن پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولدۇم. مەن بۇنىڭدىن كېيىن دۇكاننى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ھەر قايسى ناھىيە، يېزا-بازارلىرىدا تارماق دۇكانلارنى ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشسىز ئاياللارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمەن»، دېدى.

  خانئايشەم ئۆزىنىڭ كېيىنكى پىلانلىرىنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ھەدەپ سۆزلىگەندە، ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىم ھەسسىلەپ ئاشتى. مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا «تىرىشچانلىق» دىگەن قىممەتلىك ئىبارىنىڭ تەكرارلىنىپ تۇرغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدىم.

  ئۇ ھازىرمۇ ئۆزىنىڭ بىلىم سەۋىيەسىدىن قانائەتلەنمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەمكارلىق كوپراتىپىنى تىرىشىپ راۋاجلاندۇرۇپ، كوپىراتىپقا زۆرۈر بولغان پىششىقلاش ئۈسكۈنلىرىنى پائال كىرگۈزۈپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، داڭلىق ماركا بەرپا قىلىپ، كەشتىچىلىك كىرىمىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى، ئەتراپىدىكى ئىشسىز ياشلارنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىگە-چاقىسىز ئۆسمۈرلەرنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە، ئوقۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بۇلۇپ چىقىشى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسىسىنى قوشىدىغانلىقىنى ئېيتقىنىدا، كۆز چاناقلىرىمدا ياشلار ئەگىپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ئېشىپ، چىن قەلبىمدىن ئۇتۇق تىلىدىم...

  خانئايشەم گەرچە ئاددىي دېھقان ئايال بولسىمۇ، ئۆز ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەنگەن يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ چىقىپ، كىشى ھاڭ-تاڭ قالغۇدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مانا بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ ياراتقۇچىسى ھەم ئۆزگەرتكۈچىسى ئىكەن.!!!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر