باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۈگۈندىن باشلاپ، دۆلەتلىك ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىق قىلغانلارنىڭ ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چەكلىنىشى مۇمكىن

2016.06.01 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-قېتىملىق يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مائارىپ قانۇنىغا ئائىت قارار ماقۇللاندى، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى قانۇن بۈگۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مائارىپ قانۇنىدا، مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلسا، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلار قۇبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىنى چېكىندۈرۈپ، يىغىلغان ئوقۇش پۇلىنى قايتۇرغۇزىدۇ؛ مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئورگانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سالاھىيىتى بىر يىلدىن يۇقىرى، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن توختىتىلىدۇ، ھەتتا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىپ، مەكتەپ قۇرۇش تەستىقنامىسى بىكار قىلىنىدۇ؛ بىۋاستە مەسئۇل باشقۇرغۇچى خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە مەسئۇل خادىملارغا قارىتا قانۇن بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت قىلمىشى سادىر قىلغانلارنىڭ جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

  تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى مائارىپ قانۇنىدا يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىق قىلىش قىلمىشىغا بېرىلىدىغان جازا چارىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى مائارىپ قانۇنىدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: دۆلەتنىڭ مائارىپ ئىمتىھانىدا مۇناسىۋەتلىك كۆچۈرمىكەشلىك قىلمىشى سادىر قىلغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە قارىتا، ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرغان مائارىپ ئىمتىھانى ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىمتىھان مەيدانىدا زۆرۈر ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ كۆچۈرمىكەشلىك قىلمىشىنى توسىدۇ ھەم داۋاملىق ئىمتىھانغا قاتنىشىشىنى توختىتىدۇ؛ ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرغان مائارىپ ئىمتىھانى ئورگىنى كۆچۈرمىكەشلىك قىلغۇچىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىمتىھانغا قاتنىشىش سالاھىيىتى ياكى ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ؛ ئەھۋالى ئېغىر بولغانلارغا قارىتا، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى كۆچۈرمىكەشلىك قىلغۇچىنى دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىنى بىر يىلدىن يۇقىرى، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ بىخەتەرلىك باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا قارىتا، ج خ ئورگانلىرى قانۇن بويىچە بىخەتەرلىك جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت سادىر قىلغانلارنىڭ جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر