باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خېڭدا خان جەمەتى مادرىد پۇتبول مەكتىپى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا كەلدى

ئاپتونوم رايون بويىچە 500 كىچىك پۇتبولچى ئىمتىھانغا قاتناشقىلى كەلدى

2016.06.01 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-ماي، ئاتۇش شەھەرلىك تەنتەربىيە باغچىسى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەن بولۇپ، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان خېڭدا خان جەمەتى مادرىد پۇتبول مەكتىپىنىڭ شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلىۋاتاتتى. شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 500 پۇتبول ماھىرى جۇشقۇن روھ بىلەن نەق مەيداندا ئىمتىھانغا قاتناشتى.

  پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە، خېڭدا ۋە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ناھايىتى يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بولغان پۇتبول كۇلۇبى ھىسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرى جۇڭگونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ۋە ئاسىيا چېمپىيونى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولسا، يەنە بىرى ياۋروپادىكى يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە مەشھۇر كۇلۇب. 2012 - يىلى، ئۇلار بىرلىشىپ دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ پۇتبول مەكتىپى خېڭدا خان جەمەتى مادرىد پۇتبول مەكتىپىنى قۇرغان. تۆت يىلدىن بۇيان، بۇ مەكتەپ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن پۇتبولچى ئۆسمۈرلەرنى قوبۇل قىلىپ، پۇتبول ھەرىكىتىنى قىزغىن سۆيىدىغان ياشلار-ئۆسمۈرلەرگە ئىلغار پۇتبول تېخنىكىسى كەسپىنى ئۆگىتىش ۋە يېتىشتۈرۈش تەرەققىيات سۇپىسىنى قۇردى.

  خېڭدا خان جەمەتى مادرىد پۇتبول مەكتىپى شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىم ئاتۇش شەھىرىنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نۇقتىسى قىلىپ تاللاشتىكى سەۋەب بولسا، ئاتۇش قويۇق پۇتبولچىلىق ئاساسىغا ئىگە جاي بولۇپ، ھەر يىلى ئاتۇش شەھىرىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش ئاكتىپلىقى ئىنتايىن يۇقىرى، بۇ يىل ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 200 گە يەتتى، نۇرغۇن بالىلار خېلىلا يۇقىرى پۇتبول تالانتى ۋە سەۋىيەسىگە ئىگە.

  ئەلىجان ئابلا بەش ياشلىق ئوغلىنى ئېلىپ تىزىمغا ئالدۇرغىلى كەلگەن بولۇپ، ئۇ ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: ئوغلۇم كىچىكىدىنلا پۇتبول ئويناشقا ئىنتايىن قىزىقاتتى، بالامنىڭ بۇ قېتىم تاللىنىشىنى ۋە خېڭدا خان جەمەتى مادرىد مەكتىپىدىن ئىبارەت بۇ سۇپا ئارقىلىق پۇتبولچىلىقتا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بۇ يىل 4 - ئايدا، خېڭدا خان جەمەتى مادرىد پۇتبول مەكتىپى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بىۋاسىتە ئوقۇغۇچى تاللاشنى باشلىغان بولۇپ، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان 500 نەپەر يەتتە ياشتىن 13 ياشقىچە بولغان بالىنى توپ ئېلىپ مېڭىش، توپنى كونترول قىلىش، پاس بېرىش، ۋارتاغا توپ ئۇرۇش ۋە گۇرۇپپىلار بويىچە مۇسابىقىلىشىش قاتارلىق تۈرلەردىكى سىناققا قاتناشتۇرغاندىن كېيىن، تىرېنېرلار گۇرۇپپىسى يەنە بالىلارنىڭ نەق مەيداندىكى ئىپادىسىگە ئاساسەن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاخىرقى نامزاتنى بېكىتىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، پۇتبول مەكتىپى بۇ قېتىم شىنجاڭدىن 20 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، سىناقتىن ئۆتكەن بالىلار 9 - ئاينىڭ 1 -كۈنى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلىپ گۇاڭدۇڭ چىڭيۈەن خېڭدا خان جەمەتى مادرىد پۇتبول مەكتىپىگە كېلىپ ئوقۇسا بولىدىكەن. ئومۇمەن، قوبۇل قىلىنغان بالىلار جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش فوندى جەمئىيىتىگە نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پارچە خىراجىتى، ياتاق ھەققى، تاماق خىراجىتى قاتارلىق خىراجەتلەرنى كەچۈرۈم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر