باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاراماي شەھىرى مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى شەھەرنى تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ

2016.06.01 14:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2016 - يىللىق تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى بويىچە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 1 - گۇرۇپپىسى 31 - ماي چۈشتىن بۇرۇن قاراماي شەھىرىدە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ «مۇھىت ئاسراش قانۇنى»نىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: «سىلەر مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىپسىلەر، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزغا نىسبەتەن ياخشى ئۇسۇل، ياخشى تەجرىبە ھېسابلىنىدۇ، تەپسىلىيرەك چۈشەندۈرسىڭىز؟»، دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېيىم ئابلىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن باشچىلىقىدىكى 2016 - يىللىق تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى بويىچە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 1 - گۇرۇپپىسى 30 - ماي چۈشتىن كېيىن، قاراماي شەھىرىدە «گودىيەن» قاراماي ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى پار بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ كۈنلۈن سېخى، قاراماي نېفىت - خىمىيە سانائىتى سانائەت رايونى قاتارلىق جايلارنى نەق مەيداندا تەكشۈردى.

   31 - ماي چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا، قاراماي شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ بوتاۋ «مۇھىت ئاسراش قانۇنى»نىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: قاراماي شەھىرى مۇھىت ئاسراش ھەمتۈرتكە خىزمىتىنى شەھەرنى ئىنچىكە باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر باشقۇرۇش، مۇھىت ئاسراش ئۇچۇر بايلىقىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۆپ يول، كۆپ قاتلاملىق قانات يايدۇردى. مەمۇرىي رايونلار بويىچە، مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورناتتى ھەم شەھەرنى ئىنچىكە باشقۇرۇش خىزمىتىنى تورلاشتۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بىر تۇتاش باشقۇرۇپ، قاتلاممۇ قاتلام مەسئۇل بولىدىغان، مەسئۇلىيەت ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشكەن ئەتراپلىق، ئىستېرېئولۇق مۇھىت ئاسراش قانۇنى ئىجراسى مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.

  قاراماي شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ جۈنپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تورلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرى يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، مۇھىت ئاسراش تارمىقىمىزنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خادىملىرى چەكلىك بولغاچقا، شەھەر رايونىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە توسۇشتا قىيىنچىلىققا يولۇققانىدى، بۇس، شاۋقۇن، ئەخلەت تۆكۈش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار دائىم كۆرۈلۈپ تۇراتتى. قاراماي شەھىرى بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئالدى بىلەن مۇھىت ئاسراش قانۇنىغا خىلاب قىلمىشلارنى پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش چارىسى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، مۇھىت ئاسراش قانۇنىغا خىلاب قىلمىشلارنى پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش فوندى تەسىس قىلىپ، ئاممىنى مۇھىت ئاسراش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش ۋە نازارەت قىلىشقا ئاكتىپ قاتنىشىشقا يېتەكلىدى.

  خۇاڭ جۈنپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر قاراماي شەھىرىدە شەھەر باشقۇرۇش خىزمەت دەرىجىسى شەھەر، رايون، كوچا ۋە مەھەللىدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىگە ئايرىلدى، بىز مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيىتىنى مۇشۇ تۆت دەرىجىدىكى شەھەر باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق تارماقلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى كۆپەيتتۇق، لېكىن خادىم ۋە مەبلەغ كۆپەيتمىدۇق. ئۇ يەنە مىسال ئېلىپ: ئىلگىرى، يول بويلىرىدا ئەخلەت كۆيدۈرۈلسە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خادىملىرى پاش قىلىش تېلېفونى قوبۇل قىلىپ نەق مەيدانغا بارغۇچە ئوت ئاساسەن ئۆچۈپ قالاتتى. ھازىر مەھەللە چارلاش خادىملىرىغا مۇھىت ئاسراش فۇنكسىيەسى كۆپەيتىپ بېرىلگەندىن كېيىن، چارلاش جەريانىدا كىشىلەرنىڭ ئەخلەت كۆيدۈرگەنلىكىنى بايقىغان ھامان ۋاقتىدا توسۇپ قالالايدىغان بولدى، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر