باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«گۈزەللىك ئەلچىلىرى»گە ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى

2016.06.01 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، خالىقجان قۇربان خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، ئاۋات ناھىيەسىدىكى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلار «گۈزەللىك ئەلچىلىرى»نى دولان دەريا مەنزىرە بەلبېغىغا جەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

  14-قېتىملىق موھىت تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەش، ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش، ھەر ساھەنىڭ «گۈزەللىك ئەلچىلىرى»گە بولغان كۆڭۈل ئىزھارىنى يەتكۈزۈش مەقسىتىدە «نەزەرباغ غىزالىق چايخانىسى» 400 كىشىلىك تاماق تەييارلاپ، ئۇلارنى بىر ۋاقلىق مېھىر تامىقىدىن بەھرىمەن قىلىش بىلەن بىللە، 20 مىڭ يۈەن قىممىتىدە سوۋغا-سالام تەييارلاپ، ئۇلاردىن ھال سورىدى.

  ئاۋات ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم خۇسۇسىىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ غوجايىنلىرى «ئەڭ گۈزەل پاكلىق ئەلچىلىرى»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك شەخسلەر»گە مۇكاپات بۇيۇملىرى تارقىتىپ بەردى. بۇ قېتىمقى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە ئاۋات ناھىيەسىدىكى 20 دىن ئارتۇق كارخانا قاتناشتى.

  ئاۋات ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ «گۈزەللىك ئەلچىلىرى»نى ھۆرمەتلەيدىغان، ئەمگەك مېۋىلىرىنى قەدىرلەيدىغان، گۈزەللىكنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان ئېسىل پەزىلىتى نامايەن قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر