- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«جۇڭگو تىل-تۇرمۇش ئەھۋالى دوكلاتى (2016)» ئېلان قىلىندى
«مۇھىم ئىشنى ئۈچ قېتىم تەكرار دېيىش» قاتارلىقلار يىللىق تور مودا گەپلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
2016.06.01 16:07 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تىل-يېزىق كومىتېتى 31-ماي بېيجىڭدا «جۇڭگو تىل-تۇرمۇش ئەھۋالى دوكلاتى (2016)»نى ئېلان قىلدى. «مۇھىم ئىشنى ئۈچ قېتىم تەكرار دېيىش»، «دۇنيا شۇنچە چوڭ، كۆرۈپ باققۇم بار»، «سىلەر شەھەرلىكلەر ئويناشقا ئۇستا»، «ئاساسلىقى سالاپەتكە قارايمىز» قاتارلىقلار 2015-يىللىق تور مودا گەپلىرى بولدى.
دۆلەت تىل بايلىقىنى نازارەت قىلىپ ئۆلچەش ۋە تەكشى تاراتقۇ تىللىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ياڭ ئېرخوڭ: يىللىق تور مودا گەپلىرى بىر يىلدىن بۇيان تورداشلارنىڭ جەمئىيەتتە تۇرمۇشقا بولغان دىققىتى ۋە ھېسلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بولۇپ، جەمئىيەتنى تونۇش، ھېس قىلىش ۋە چۈشىنىشتىكى كۆزنەك ھېسابلىنىدۇ، دېدى.
دوكلاتتا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگو تىل بايلىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشى پىلان بويىچە 81 ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى تەكشۈرۈش نۇقتىسى، 53 خەنزۇ تىلى شېۋىسىنى تەكشۈرۈش نۇقتىسى ۋە 32 تىل-مەدەنىيەت تەكشۈرۈش نۇقتىسىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، جۇڭگو تىل بايلىقىنى يىغىش خاتىرىسىنى نامايان قىلىش سۇپىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىپ، مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا قېلىپى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر