باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەننىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر - بالىلارغا يازغان خېتى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، گۈزەل قەلب يېتىلدۈرۈش كېرەك

2016.06.01 14:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 27 - ماي ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر - بالىلارغا خەت يېزىپ ئۇلارنى ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، ئىتتىپاق ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ياخشى ئۆسمۈرلەردىن، ئۆگىنىشنى ۋە ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن، مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان، تەرتىپكە بويسۇنىدىغان ياخشى بالىلاردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. بۇ خەت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۆسمۈرلەر - بالىلار ۋە پىيونېرلار خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ھەر دەرىجىلىك پىيونېرلار ئەترىتى تەشكىلاتىدىكىلەر مۇنداق دېدى: ئۆسمۈرلەر - بالىلارنى ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەپ، ياخشى ئىدىيە يېتىلدۈرۈپ، خۇشال - خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلەيمىز. ھەر مىللەت ئۆسمۈر - بالىلار مۇنداق دېدى: ۋەتەننى، يۇرتنى قىزغىن سۆيىدىغان پىيونېرلار، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈدىغان پىيونېرلار، ياخشى ئىدىيەگە ئىگە پىيونېرلاردىن، سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك ئىز باسارلىرىدىن بولىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۆسمۈرلەر - بالىلار ۋە پىيونېرلار ئەترىتى تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا تېزدىن ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغاش ئۈچۈن 31 - ماي جاڭ چۈنشيەننىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر - بالىلارغا يازغان خېتىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، سۆھبەت يىغىنىدا سانجى شەھىرى يۈشۇگۇ بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقداش سا يۇڭبو مۇنداق دېدى: جاڭ چۈنشيەن تاغام خېتىدە بىزگە ئاتا - ئانىمىز، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ۋە ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتى، بۇ بىز پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ يول كۆرسەتكۈچ چىرىغى، ئۇ بىزگە تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا ۋەتەننىڭ ئۈمىدى ۋە كەلگۈسى بولىدىغانلىقىنى، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

  ئاتۇش «كۇنسەن - يۈسەي» باشلانغۇچ مەكتىپى 4 - يىللىقىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاڭ بىڭ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن مەكتەپ رادىيوسىدىن شۇجى جاڭ چۈنشيەن تاغامنىڭ ئۆسمۈرلەر - بالىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى ئاڭلىدىم، مەن چوقۇم ۋەتىنىمنى، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان، تەرتىپكە بوي سۇنىدىغان ياخشى بالا بولىمەن». بورتالا شەھىرى بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر» دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن بورتالا شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ 4 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ۋۇ گۈەنفۇ مۇنداق دېدى: «سىنىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار تۆت مىللەتتىن تەركىب تاپقان، بىز ھەر كۈنى بىللە ئۆگىنىش قىلىپ، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىللە خۇشال ئۆسۈپ يېتىلىۋاتىمىز». بىڭتۈەن 6 - شىسى «شىنخۇ» باش مەيدان باشلانغۇچ مەكتىپى 6 - يىللىق 4 - سىنىپ ئوقۇغۇچىسى گاۋ ياتىڭ مۇنداق دېدى: «بىز شارائىتى ياخشى مەكتەپتە خۇشال ئۆگىنىۋاتىمىز، ياخشى ئوقۇماسلىققا باھانىمىز يوق. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، يۇرتىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز!».

  كۇچا ناھىيەلىك 10 - باشلانغۇچ مەكتەپتە سىنىپ مۇدىرلىرى شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ خېتىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇپ بەردى. 4 - يىللىق 1 - سىنىپ ئوقۇغۇچىسى نەبىجان مەمەت خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «جاڭ چۈنشيەن تاغامنىڭ خېتىنى ئاڭلاپ، بەك خۇش بولدۇم، بىز تاغىمىزنىڭ ئۈمىدىنى قەتئىي يەردە قويماي، ياخشى ئوقۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىدىغان ئىزباسارلاردىن بولىمىز».

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ يىجىن مۇنداق دېدى: «جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ بالىلارغا يازغان خېتىنى ئوقۇپ ناھايىتى خۇش بولدۇم، ئۆزۈمنى ئۆسمۈرلۈك چېغىمغا قايتىپ كەتسەمچۇ دەپ ئويلىدىم، شۇنىڭ بىلەن بىللە، زىمىمىزدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم. بىز ئالدى بىلەن بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئىرادىلىك بولۇپ، ئىرادىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىگە سىڭدۈرۈشكە يېتەكلىشىمىز كېرەك. تۇرپان شەھەرى ئىدىقۇت رايونى چاتقال يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى كېرەمئاي قادىر مۇنداق دېدى: مەكتىپىمىزدە ھەر ھەپتىىسى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش تەربىيەسى دەرسى ئۆتۈلىدۇ، بۇ دەرستە بالىلار ئاتا - ئانىسىغا كۆڭلىدىكى سۆزلەرنى ئېيتىپ، ئۇلارنى قۇچاقلايدۇ. نۇرغۇن ئاتا - ئانا ۋە بالىلار بۇنىڭدىن ناھايىتى تەسىرلىنىپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. بىز بۇ خىل تەربىيە شەكلىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مىننەتدارلىق ئۇرۇقلىرىنى بالىلارنىڭ قەلبىگە كىچىكىدىن باشلاپ چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزىمىز.جىمىسار ناھىيەسى سەنتەي بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ۋۇ جىنخۈي مۇنداق دېدى: مائارىپ خىزمەتچىلىرى ھەم ئوقۇتۇش ھەم ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆسمۈرلەر - بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئاساسلانغاندىلا، ئۇلارنى ئىزچىل ياخشى تەرەپكە باشلاپ، ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاق ئۆتۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆگىنىشنى ۋە ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈش، مىننەتدارلىقنى بىلىش، تەرتىپكە بويسۇنۇش قاتارلىق كۆز قاراشلارنى ئۇلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرگىلى ھەم ئۇلارنى ئۈزلۈكسىز ئوزۇقلۇققا ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تېرەك بولىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچكە ئايلاندۈرغىلى بولىدۇ.

  چەرچەن ناھىيەلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى ئاينۇر قاسىم مۇنداق دېدى: «شۇجى جاڭ چۈنشيەن پىيونېرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە سەمىمىي ئۈمىد باغلىدى ھەم پىيونېرلار ئەترىتى يېتەكچىلىرى، ئۆسمۈرلەر - بالىلار خىزمەتچىلىرىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. بىز كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويماي، تىرىشىپ ئۆسمۈرلەر - بالىلارنى كىشىلىك ھاياتقا ئىنتىلىشكە يېتەكلىگۈچى، ئەمەلىي ئۆگىنىشكە تەشكىللىگۈچى، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە مۇلازىمەت قىلغۇچىلاردىن بولىمىز». ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شى چۈنلىن مۇنداق دېدى: «مەن بىر مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. ئوقۇتقۇچى يېنىپ تۇرغان شامغا ئوخشايدۇ، خىزمەت جەريانىدا يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلىدۇ».


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر