خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (گۈلبوستان مەمەت خەۋىرى، فوتوسى) يېقىنقى بىر قانچە كۈنلەردىن بۇيان، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ھەر قايسى يېزا-بازار، كوچا ئىش باشقارمىلىرىغا قاراشلىق كەنت، مەھەللىلەرگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپا كادىرلىرى ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە ئىناقلىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان نادىر ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرى بىلەن «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ، بالىلارغا بايراملىق سوۋغا تەقدىم قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگنىشگە ئىلھام بەردى.
سۈرەتتە: بالىلار بايراملىق پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈش
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى