باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستان تەكشۈرۈش پونكىتى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 11 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى

2016.06.01 16:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھېلماند ئۆلكىسىدىكى ساقچى دائىرىلىرى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: تالىبان قوراللىقلىرى 29-ماي كەچتە شۇ جايدىكى بىر بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى، 11 ساقچى ئېتىشىشتا ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئېتىشىش بۇ ئۆلكىنىڭ گېررىشكو رايونىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا يۈز بەردى. ئۆلكىنىڭ ساقچى دائىرىلىرى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ئېتىشىش كېچىدە بىر قانچە سائەت داۋاملاشتى، 11 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى، بۇنىڭدىن سىرت يەتتەيلەن يارىلاندى ۋە يەتتەيلەن يوقاپ كەتتى. ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپتىنمۇ ئۆلۈم-يېتىم بولدى. 30-ماي سەھەردە ۋەقە يۈز بەرگەن رايونغا يېقىن جايدا توقۇنۇش بولدى، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى شۇ جايغا ياردەمگە باردى. ھېلماند ئۆلكىسى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلار- تالىبان ئۇزۇن مەزگىل پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆلكىلەرنىڭ بىرى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر