باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش»سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سەمىمىيلىك بىلەن تۆھپە قوشۇش كېرەك

2016.06.01 14:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون 13 - ماي چۈشتىن كېيىن ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش» سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. سۆھبەت يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئون داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئالىم ئۆگىنىش تەسىراتىنى سۆزلەپ، پىكىر ئالماشتۇردى ھەم شىنجاڭنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. مۇتەخەسسىسلەر تونۇشىنى سۆزلەپ، كۆز قارىشىنى بايان قىلدى، يىغىن كەيپىياتى ناھايىتى قىزغىن بولدى.ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان مۇنداق دېدى: مەن بېيجىڭدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى ھاياجانلانغانىدىم، باش شۇجى: «تەبئىي پەنلىرى راۋاجلانمىغان دۆلەت دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا ماڭالمايدۇ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلىرى گۈللەنمىگەن دۆلەتنىڭمۇ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشى مۇمكىن ئەمەس»، دېگەنىدى. مەن كۆپ يىل پارتىيە تەربىيەسىنى ئالغان ئاز سانلىق مىللەت زىيالىيسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھازىرقى ۋەزىيەتتە، مەندە بىر خىل كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ئېڭى شەكىللەندى، دەۋر پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس، ئالىملارغا موھتاج. مەنمۇ مول نەزەرىيەۋى تەپەككۈرغا ئىگە بولمىغان مىللەت نامراتلىق ۋە نادانلىقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، دەپ قارايمەن. بىزنىڭ يازغانلىرىمىز قەغەز يۈزىدىلا چەكلىنىپ قالماسلىقى، بەلكى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە يېزىلىشى، ئىجتىھات بىلەن يېزىلىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا، ئۈنۈمى زور بولۇپ، ۋەتەنگە، خەلققە ياخشى مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پىروفېسسۇر دىڭ شۇچىڭ مۇنداق دېدى: «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش»، جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ قىسمىنىڭ يېڭى، ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىشتا - ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر خىزمەتچىلىرى «مەركەزنىڭ تەلىپى ئۆز ۋەزىپىمىز» دېگەن سۆزنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغان، بۇ بىزنىڭ رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىزغا موھتاج. شىنجاڭ خىزمىتىنى چۈشەندۈرۈش، شىنجاڭ مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر خىزمەتچىلىرى ھەممىدىن كۆپ پىكىر قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، شۇڭا مەسئۇلىيەتنى قىلچە ئىككىلەنمەي زىممىسىگە ئېلىپ، سوبيېكتلىق ئېڭىنى ئۇرغۇتۇپ، جاسارەتلىك - ياراملىق بولۇپ، تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  «باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىنى ئۆگىنىپ، ئۈچ خىل تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. بىرىنچىسى، بۇرۇچ تۇيغۇسى قوزغىتىلغان، ئىككىنچىسى، ماتېرىيالىزمدا چىڭ تۇرۇلغان، ئۈچىنچىسى، سۆز ھوقۇقى قولغا كەلتۈرۈش تەكىتلەنگەن. ماركسىزملىق ماتېرىيالىزم بىزنى پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەردىن ئىبارەت ھەر قايسى ئىلىم ساھەسىنى تەتقىق قىلىپ، ئىگىلىشىمىزنى ئاساسىي دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ: <ئېلىمىزنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنى تەتقىق قىلىشتىكى دۇنياۋى تەسىر كۈچىنى كۈچەيتەيلى>، دەپ يول يورۇق بەردى، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، سۆز ھوقۇقى مەسىلىسى ھەم ئوبراز ۋە رايون مەسىلىسى، ھەم ئۆلچەم ۋە ئەمەلىي كۈچ مەسىلىسى»، دېدى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پىروفېسسورى نيۇ رۇجى.

   شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى تيەن ۋېيجياڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى ھەم زور كۈچ بىلەن قوللىدى. بىز ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر تەرەققىياتىدا يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇش لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر خىزمىتىنىڭ بەش يىلدىن ئون يىلغىچە بولغان تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تېزدىن تۈزۈپ چىقىپ، تېخىمۇ ئىناق، ئېچىۋېتىلگەن ئىلىم مۇھىتى يارىتىپ، سىرتقا «چىقىرىش - كىرگۈزۈش» تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى يېتىلدۈرۈش ۋە قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك.شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋۇ فۇخۈەن مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ نەزەرىيەۋى جەھەتتىن يېتەكلىشىگە، نەزەرىيە ۋە تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىشىغا موھتاج بولىمىز. بىز قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبىلەرنى شەرھلەپ چۈشەندۈرۈش، يەكۈنلەشتىن سىرت، يەنە يېڭى كۆرۈلگەن ۋە بىخ ھالىتىدىكى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشىمىز، شۇنداقلا ئىلىم ئالماشتۇرۇپ، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنى بىر قەدەر كۈچلۈك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە تەكشۈرۈش، تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ليۇ بىڭ مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدە، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ تارىخىي رولى ۋە دەۋر قىممىتى تولۇق شەرھلىنىپ، ماركىسىزمنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرگە بولغان يېتەكچىلىك ئورنى يەنىمۇ گەۋدىلىك تەكىتلەندى. بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى تەتقىقات ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنى قىممىتى بار تەپەككۇر يولى ۋە نەتىجىلىرى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

  «باش شۇجىنىڭ سۆزىدىن ھەم سەمىمىيلىك، ھەم مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇنىڭ سۆزىدە مەسىلىنى ھەل قىلىش مەقسىتى تۆت جەھەتتىن گەۋدىلەندۈرۈلگەن، پەقەت مەسىلىنى ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ»، دېدى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى لى جۇڭياۋ.

  شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ما پىڭيەن مۇنداق قارىدى: بىزدە سۆز ھوقۇقىدا تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئېڭى بولۇشى، خىزمەتنى ئەمەلىي ئىشلەپ، ئاممىنى مايىل قىلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا سۆز ھوقۇقىنى ھەقىقىي قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

  شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى مياۋ پۇشېڭ مۇنداق قارىدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلىرى زور تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتى، ھازىر مۇنداق ئىككى ئىشنى ياخشى قىلىشىمىز، يەنى بىرىنچىدىن قوشۇننى ياخشى تەشكىللىشىمىز، ئىككىنچىدىن ئالدىراقسانلىقنى يېڭىشىمىز كېرەك. ئاساس خاراكتېرلىك تەتقىقات خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان ئىدىيەۋى تەييارلىقنى ياخشى ئىشلەپ، تېما تەتقىقاتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاخاپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ مىللەتلىك رايون، ئەتراپىمىزدىكى ۋەزىيەت مۇرەككەپ، شۇڭا ئاساس خاراكتېرلىك تەتقىقات خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ماسلىشىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر