باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو بالىلار پاراۋانلىق ھەپتىلىكى باشلاندى

2016.06.01 14:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىۋاتقان پەيتتە، جۇڭگو 7-نۆۋەتلىك بالىلار پاراۋانلىق ھەپتىلىكى پائالىيىتى 30-ماي بېيجىڭدا باشلاندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوند جەمئىيىتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جۇڭگودا مۇستەھكەم بالىلار پاراۋانلىق سىستېمىسى ئورنىتىپ، ھەربىر بالىنى قوغداش ۋە پاراۋانلىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  باشلاش مۇراسىمىدا، بۇ يىللىق «جۇڭگو بالىلار پاراۋانلىق سىياسىتى دوكلاتى» رەسمىي ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا جۇڭگونىڭ بالىلارنى قوغداش ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، ئۆتكەن بىر يىلدا ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان بالىلار پاراۋانلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى ھەمدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، 2015-يىلى 6-ئايدىن 2016-يىلى 5-ئايغىچە، دۆلەت جەمئىي 30 ھۆججەت چىقىرىپ، بالىلار پاراۋانلىقىنى ئالغا سىلجىتتى، دېيىلدى.

  2010-يىلى، جۇڭگو بالىلار پاراۋانلىقىدا ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى خېنەن، سىچۈەن، سەنشى، شىنجاڭ ۋە يۈننەندىن ئىبارەت تۆت ئۆلكە، بىر ئاپتونوم رايوندىكى 120 كەنتتە سىناق قىلىندى. ھازىر بۇ تۈر ئەندىزىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى مىڭدىن ئارتۇق كەنت، مەھەللىگە كېڭەيتىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوند جەمئىيىتى ھەرقايسى جەھەتلەردە ھەربىر بالىنىڭ ھوقۇقى ۋە بەخت-سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىكەن. ئۇلار ھەمكارلىق شېرىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ، 190 دۆلەت ۋە رايوندا ۋەدىسىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئەڭ ئاجىز ۋە چەتكە قېقىلىدىغان بالىلارغا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈپ، نەدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بارلىق بالىلارنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر