- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونىمىز تاڭزۇڭزا بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى: 9- ئىيۇندىن 11- ئىيۇنغىچە ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتنىشى ھەقسىز بولمايدۇ
2016.06.01 13:36 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 31-ماي، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تورىدا 2016-يىللىق تاڭزۇڭزا بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلىپ، 9- ئىيۇندىن 11- ئىيۇنغىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى، 12-ئىيۇن (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق ئۇقتۇرۇلدى.
ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ھەر قايسى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيەلىك ( شەھەرلىك ) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ھەر قايسى مەمۇرىي مەھكىمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئورۇنلىرىغا:
2016-يىللىق تاڭزۇڭزا چاغىنى كېلەي دەپ قالدى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى گ ب [ 2015 ] 18 - نومۇرلۇق تېلېگراممىسى « گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 2016-يىللىق قىسمەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نىڭ روھىغا ئاساسەن، نۆۋەتتە 2016-يىللىق تاڭزۇڭزا بايرىمىلىق دەم ئېلىشنى تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش قىلىمىز :
9- ئىيۇندىن 11- ئىيۇنغىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 12-ئىيۇن (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى 2016-يىلى 31-ماي
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر