باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو-ئامېرىكا ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى يۇقىرى قاتلاملىقلار كېڭىشىشى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

2016.06.01 14:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 30-ماي مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا كېڭىشىش ئارقىلىق، 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى يۇقىرى قاتلاملىقلار كېڭىشىشىنى 6-، 7-ئىيۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جون كېررىي كېڭىشىشنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

  لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك كېڭىشىشتا «ئادىمىيەت تۈگۈنىنى چىڭىتىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش» ئاساسىي تېما قىلىنىدۇ، ئىككى تەرەپ مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە، ئاياللار، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىغا يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر