باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كاسپېي دېڭىزىدىن ھالقىغان خەلقئارا تىرانسىپورت يولى جۇڭگو-ئەزەربەيجان ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ساھەسىنى ئېچىپ بەردى

2016.06.01 14:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەزەربايجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېف يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان خەلقئارا تىرانسىپورت يولى ياۋروپا-ئاسىيا ئارىسىدىكى ناھايىتى قولايلىق قۇرۇقلۇق يولى بولۇپ، ئۇ جۇڭگو بىلەن ياۋروپانى چىڭ باغلاپ تۇرىدۇ. ھازىر جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم راونىنىڭ كۈيتۈندىن گىروزىيەنىڭ تىبلىس، جۇڭگو جياڭسۇنىڭ ليەنيۈنگاڭ پورتىدىن تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل قاتارلىق جايلارغىچە بولغان نۇرۇن خەلقئارا تىرانسىپورت پويىزى كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان خەلقئارا تىرانسىپورت يولىنىڭ سىناق قاتنىشىنى تاماملىدى. جۇڭگونىڭ شىنجاڭدىن يولغا چىققان ماللار، كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان خەلقئارا ترانسىپورت يولى ئارقىلىق گىروزىيەنىڭ باتۇمى پورتىغا ئون كۈن ئەتراپىدا يېتىپ بارالايدۇ، دېڭىز يولى بىلەن ماڭسا بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ. كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان خەلقئارا تىرانسىپورت يولى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ماللىرى داۋاملىق غەربكە قاتناپ، گىروزىيەنىڭ شىمالىدىن ئۇكرائىنا ياكى جەنۇبىدىن تۈركىيە ئارقىلىق ئەڭ ئاخىردا ياۋروپا كىرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر