باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى بالىلار كىيىم-كېچەكلىرى ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2016.06.01 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «1-ئىيۇن » خەلقئارا بالىلار بايرىمى ئالدىدا، جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى 31-ماي بالىلار كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرىنىڭ مەھسۇلات بىخەتەرلىكىنى لايىھەلەش ۋە پىششىقلاشنىڭ ھەر بىر ھالقىسىغا سىڭدۈرۈشىنى، دۆلەت ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشىنى، كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى، ياخشى ئىجتىمائىي ئوبراز تىكلىشىنى؛ ئالاقىدار ساھە ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىپ، بالىلار كىيىم-كېچەك بازىرىنىڭ ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلاشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان قىسمەن بوۋاقلار ۋە بالىلار كىيىم-كېچەك تاۋارلىرىنى باھالاش دوكلاتىدا مەلۇم بولۇشىچە، بازارلاردا سېتىلىۋاتقان قىسمەن بوۋاقلار ۋە بالىلار كىيىم-كېچەك تاۋارلىرىدا بىخەتەرلىك جەھەتتە بىر قىسىم يوشۇرۇن خەۋپنىڭ بارلىقىنى، ھەر ۋاقىت بالىلارغا زىيان- زەخمەت يەتكۈزىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

  يېقىندا، جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى بازارلاردا سېتىلىۋاتقان بىر قىسىم بوۋاقلار ۋە بالىلار كىيىم-كېچەك تاۋارلىرىغا قارىتا باھالاش ئېلىپ بارغان بولۇپ، باھالانغان 40 خىل كىيىم-كېچەك ئەۋرىشكىلىرىنىڭ ھەممىسى دۇكاندىن ئىختىيارىي سېتىۋېلىنغان ئىكەن. باھالاشتا بايقىلىشىچە، ساقلانغان مەسىلىلەر ياكى يوشۇرۇن خەتەر ئامىللىرى ئاساسلىقى تۆت جەھەتتە ئىپادىلىنىدىكەن: بىرىنچى، بەزى بوۋاقلار ۋە ئۆسمۈر بالىلار كىيىم-كېچىكىدىكى قوشۇمچە ماتېرىيال (تۈگمە، بېزەك)لار مۇستەھكەم ئەمەس؛ ئىككىنچى، بوۋاقلار ۋە ئۆسمۈر بالىلار كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ باش تەرىپىدە باغلىق بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر بىر قەدەر گەۋدىلىك بولۇپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن ئامىللار ساقلىنىپ قالغان؛ ئۈچىنچى، بەزى ئەۋرىشكىلەرنىڭ يىپى چىقىپ قالغان، تىكىلىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ تۆتىنچى، ئۇششاق تاۋارلارنى توپ تارقىتىش بازارلىرىدا سېتىۋالغان كىيىملەردە ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇننىڭ نامى ۋە ئادرېسى، توقۇلما مەھسۇلاتنىڭ مىقدارى، ئىجرا قىلىش ئۆلچىمى، بىخەتەرلىك تۈرى، مەھسۇلات نامى يوق بولۇش؛ نومۇرى قېلىپلاشماسلىق، بەلگىلەنگەن توقۇلما مەھسۇلاتنىڭ ئىچى ۋە تېشىنىڭ مىقدارى ئوخشىماسلىق، توقۇلما مەھسۇلاتنىڭ نامى توغرا بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر