باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىستېمال بۇيۇملىرى سانائىتىدە تۈرىنى كۆپەيتىش، سۈپىتىنى ئاشۇرۇش، ماركا يارىتىش مەخسۇس ھەركىتى قانات يايدۇرىلىدۇ

2016.06.01 14:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا" ئىستېمال بۇيۇملىرى سانائىتىدە تۈرنى كۆپەيتىش، سۈپەتنى ئاشۇرۇش، ماركا يارىتىش مەخسۇس ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ياخشى بازار مۇھىتى يارىتىش ھەققىدىكى بىرقانچە پىكىرى"نى بېسىپ تارقىتىپ، ئىستىمال بۇيۇملىرى سانائىتىدە ئۈچنى ئاشۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  پىكىردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىستېمال بۇيۇملىرى سانائىتى ئېلىمىزدىكى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى كەسپى ۋە ئەنئەنىۋىي ئۈستۈنلۈككە ئىگە كەسىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، ئېلىمىزدە قاپلىنىش كۆلىمى كەڭ، قۇرۇلمىسى بىرقەدەر مۇكەممەل ئىستېمال بۇيۇملىرى سانائىتى سىستېمىسى شەكىللىنىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن نەپ يەتكۈزۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى، ئەمما ئېلىمىزدە ئىستېمال بۇيۇملىرى تۈرى، سۈپىتى ۋە ماركىسى بىلەن خەلقئارانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىنى سېلىشتۈرغاندا يەنىلا پەرق بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، ئۈنۈملۈك تەمىنلەش ئىقتىدارى بىلەن سەۋىيەنى ئىستېمال دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش تەلىۋىگە ماسلاشتۇرۇش قىيىن، ئستېمال بۇيۇملىرى سانائىتىدە تۈرنى كۆپەيتىش، سۈپەتنى ئاشۇرۇش ۋە ماركا بەرپا قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئاقرىلىق ياخشى بازار مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئستېمال تەلىپىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاساسى رولىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئىستېمال بۇيۇملىرى سانائىتىنى ئوتتۇرا، يۇقۇرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر