باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھەرلىك ئىككىنچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى خۇاڭ گۇاڭيۈنىڭ جازا مۇددىتىنى 11 ئاي قىسقارتىش ھۆكۈمى چىقاردى

2016.06.01 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك ئىككىنچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 31-ماي، جىنايەتچى خۇاڭ گۇاڭيۈنىڭ مۇددەتلىك قاماق جازاسىنىڭ 11 ئاي قىسقارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  خۇاڭ گۇاڭيۇ، ئەر، 1969-يىلى گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ شەنتۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان، خەنزۇ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، شياڭگاڭنىڭ دائىملىق ئاھالىسى. ھازىر بېيجىڭ شەھەرلىك ئىككىنچى تۈرمىدە جازا ئۆتىمەكتە.

  2010-يىلى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىككىنچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى، يوشۇرۇن سودا قىلىش جىنايىتى، ئورۇنلارغا پارا بېرىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 14 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھەم 600 مىليون يۈەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇلغان، ئۇنىڭ قىسمەن مال-مۈلكى ۋە 200 مىليون يۈەن خەلق پۇلى مۇسادىرە قىلىنغان؛ خۇاڭ گۇاڭيۈ قاتارلىقلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى داۋاملىق تەكشۈرۈلۈپ مۇسادىرە قىلىنغان ئىدى. خۇاڭ گۇاڭيۈ بېيجىڭ شەھەرلىك ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان بولسىمۇ، سوت مەھكىمىسى ئەسلىي ھۆكۈمنى ساقلاپ قالغان، ھۆكۈم قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئىجرا قىلىشقا تاپشۇرۇلغان ئىدى.

  بېيجىڭ شەھەرلىك ئىككىنچى تۈرمە جىنايەتچى خۇاڭ گۇاڭيۈنىڭ جازا ئۆتىگەن مەزگىلدە جىنايىتىنى تونۇغان ۋە پۇشايمان قىلغانلىقىنى، بەلگىلىمە-ئىنتىزامغا بوي سۇنۇپ، ئۆگىنىش ۋە ئەمگەككە پائال قاتناشقانلىقىنى، ئىككى قېتىم تۈرمىنىڭ ئۆزگىرىش ئاكتىپلىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، جازانى كېمەيتىش تەكلىپى بەردى.

  بېيجىڭ شەھەرلىك تەپتىش ئورگانلىرى سوتتا تەپتىش پىكرىنى ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىككىنچى تۈرمە ئوتتۇرىغا قويغان جازانى كېمەيتىش پىكرىگە قوشۇلدى.

  سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ مۇنۇلارنى ئېنىقلىدى: جىنايەتچى خۇاڭ گۇاڭيۈ جازا ئۆتەش مەزگىلىدە جىنايىتىنى تونۇغان ۋە پۇشايمان قىلغان، قانۇن-بەلگىلىمە ۋە تۈرمە ئىنتىزامىغا ئەستايىدىل بوي سۇنۇپ، تەربىيەلەش ۋە ئۆزگەرتىشنى قۇبۇل قىلغان؛ ئىدىيە، مەدەنيەت، تېخنىكا ئۆگىنىشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆز ۋاقتىدا ئەمگەك ۋەزىپىسىنى تاماملىغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق يەنە، جىنايەتچى خۇاڭ گۇاڭيۈنىڭ جەرىمانە ۋە مۇسادىرە قىلىنغان قىسمەن مال-مۈلۈكىدىن بولۇپ 800 مىليون يۈەن خەلق پۇلىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغانلىقى، قانۇنغا خىلاپ 23 مىليون 669 مىڭ 400 يۈەن خەلق پۇلى تاپاۋىتىنى تاپشۇرغانلىقى ئېنىقلاندى. كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈمنامىدىكى ئىقتىسادىي جازا پۇل تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى ئىجرا قىلىنىپ بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر