خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 31-ماي، سېدنىي ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئاياللار 20 كېلومېتىرغا مېڭىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ۋاڭ لىپىڭ (سولدىن ئىككىنچى) ئېلان قىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلماقتا. شۇ كۈنى، رېئودى ژانېيرو ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى پارات كىيىمى بىلەن ئاتلىنىش مۇراسىمى سۇجۇ شەھىرىنىڭ جىنجى كۆلى بويىدا ئۆتكۈزۈلدى. رېئودى ژانېيرو ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى جۇڭگو تەنتەربىيە ئۆمىكىنىڭ مۇراسىم كىيىمى ئەرەنچە ۋە ئايالچە ئىككى خىل پاسوندا بولۇپ، ئەرەنچىسى قىزىل چاپان، ئاق كۆڭلەككە گۈللۈك گالىستۇك، ئاق ئىشتان، ئاق ئاياغ ماسلاشتۇرۇلغان؛ ئايالچىسى سېرىق چاپان، ئاق كۆڭلەككە گۈللۈك ياغلىق، ئاق يوپكا، ئاق ئاياغ ماسلاشتۇرۇلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى