باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا رەھبىرىي كادىرلار ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سودا قىلىش، كارخانا قۇرۇش ئەھۋالى تەكشۈرۈش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلدى

2016.05.31 12:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 26-مايدىن 31-مايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 11-، 2-، 10-، 3- كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئايرىم-ئايرىم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر سانائىتى ئىدارىسى (شىنجاڭ كۆمۈركان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسى)غا كىرىپ، بۇ تۆت ئورۇننىڭ پارتىيە گۇرۇپپىسى (پارتىيە كومىتېتى)دا سىياسىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.

  بۇ ئورۇنلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى، بىر دەرىجە تۆۋەن پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە مۇھىم ئورۇندىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئىنكاسنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، كۆزىتىش مەزگىلىدە كۆزىتىش گۇرۇپپىسى يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئورۇنلاردا مەخسۇس دىجورنىلىق تېلېفونى، پوچتا خەت ساندۇقى تەسىس قىلدى، بولۇپمۇ «ئالتە تۈرلۈك ئىنتىزام»غا خىلاپ قىلىش توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى پاش قىلىش بولۇپ، بەلگىلەنگەن دائىرىدىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ سودا قىلىش، كارخانا قۇرۇش ئەھۋالى قاتارلىق جەھەتلەردىكى پاش قىلىش ۋە ئىنكاس قوبۇل قىلىنىدۇ. قوبۇل قىلىش ۋاقتى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 00 : 10 دىن 22:00 گىچە.

  2-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى

  كۆزىتىش ئوبيېكتى : ئاپتونوم رايونلۇق ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى، دىجورنى تېلېفون نومۇرى: 0991-2932905、18799159550,. پوچتا خەت ساندۇقى: ئۈرۈمچى شەھىرى مەدەنىيەت يولى 38- نومۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى 2-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى تاپشۇرۇۋالىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى: xjxs2z@126.com

  3- كۆزىتىش گۇرۇپپىسى

  كۆزىتىش ئوبيېكتى: ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر سانائىتى ئىدارىسى (شىنجاڭ كۆمۈركان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسى)، دىجورنى تېلېفون نومۇرى: 0991-4552310、15160963409,، پوچتا خەت ساندۇقى: ئۈرۈمچى شەھىرى 170- نومۇرلۇق خەت ساندۇقى، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى: mgjxsz@163.com .

  10- كۆزىتىش گۇرۇپپىسى

  كۆزىتىش ئوبيېكتى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، دىجورنى تېلېفون نومۇرى: 0991-7527510、18129340309، پوچتا خەت ساندۇقى: ئۈرۈمچى شەھىرى 167- نومۇرلۇق خەت ساندۇقى

  11- كۆزىتىش گۇرۇپپىسى

  كۆزىتىش ئوبيېكتى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى، دىجورنى تېلېفون نومۇرى: 0991-7568759、18309919065,، پوچتا خەت ساندۇقى: ئۈرۈمچى شەھىرى 169- نومۇرلۇق خەت ساندۇقى، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى: xj11xsz@163.com.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر