- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تېررورلۇق تەھدىتى تۈپەيلىدىن بىلگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى تۆۋەنلىدى
2016.06.01 16:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىلگىيە فىرانسوز تىلى رايونى رادىئو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 30-مايدىكى خەۋېرىگە قارىغاندا، بىلگىيەنىڭ پايتەختى بريۇسسېلدىكى نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇماقچى بولغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالمىشىش سەۋەبى تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلىشىدە ئىكەن. گوللاند تىلى بريۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنى مىسالغا ئالساق، 2016- ۋە 2017-يىلى بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلغان ياۋروپا رايونىدىن ئالماشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 20 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: بريۇسسېلنىڭ تېررورلۇق تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنلىكى بۇنداق بولۇشىدىكى بىۋاستە سەۋەب ئىكەن. 22-مارت بريۇسسېل شەھەر سىرتىدىكى زاۋانتېم ئايرودرومى ۋە شەھەر ئىچىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باش ئورگىنى ئەتراپىدىكى مېترو بېكىتىدە ئۇدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 300دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان ۋە يارىلانغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر