باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سىتولتىنبېرگ: ش ئا ئە ت پولشاغا ئەسكىرى كۈچنى كۆپەيتىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ

2016.06.01 16:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پولشادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سىتولتىنبېرگ 30-ماي: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى پولشاغا ئەسكىرى كۈچىلىرىنى كۆپەيتىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ دېدى. سىتولتېنىرگ شۇ كۈنى پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىيۇلدا ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلىرى يىغىنىدا شەرقتىكى چېگرا رايونغا ھەيۋە كۈچلىرى ۋە مۇداپىئە كۈچلىرى كۆپەيتىپ ئورۇنلاشتۇرۇش قارار قىلىنىدۇ. باشلىقلار يىغىنىدا يەنە كونكىرت تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ سانى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلىرى يىغىنىدىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنىڭ پولشاغا ئورۇنلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىگىلىنشىچە، سىتولتىنبېرىگ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە پولشا دائىرىلىرى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلىرى يىغىنىغا تەييارلىق قىلىشنى مۇزاكىرلىشىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر