باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى ھالال يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

2016.06.01 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەسلى تېما: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنى ھۆرمەتلەش ۋە قوغداش ھەققىدە __ دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى ھالال يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، «ھالال يېمەكلىكلەر ھالال بولماسلىق»، «ھالال يېمەكلىك كېڭىيىپ كېتىش» قاتارلىق ھالال يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى مەسىلىلەر جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بۇنىڭ ئۈچۈن، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سىياسەت، قانۇن-نىزام مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى زىيارەتنى قۇبۇل قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ھالال يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە ھالال يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت پائالىيىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھۇقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىم چوڭ ۋەزىيىتىنى قوغداش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

  سوئال: دۆلىتىمىزنىڭ ھالال يېمەكلىك باشقۇرۇش ئەھۋالى قانداق؟ قايسى مەسىلىلەر ساقلانماقتا؟

  جاۋاب: دۆلىتىمىزدە ھالال يېمەكلىك يەيدىغان ئادەت ئاساسلىقى 10 مىللەتكە چېتىلىدىغان بولۇپ، نوپۇسى 23 مىليوندىن ئاشىدۇ. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ھالال يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش-تەمىنلەش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. مەركەزدىن قارىغاندا، 2014-يىلى 2-ئايدا، گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئىشخانىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، سودا مىنىستىرلىقى، يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق بەش تارماق «ھالال يېمەكلىكلەر ھالال بولماسلىق»، «ھالال يېمەكلىك كېڭىيىپ كېتىش» قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆپ قېتىم بىرلەشمە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇش ئاساسىدا، «ھالال يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بىرلىكتە تارقىتىپ، ھەر قايسى تارماقلارنىڭ ھالال يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىدىكى فۇنكسىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە ئاساسىي ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھالال يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت قىلىش پائالىيىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ھەققىدە كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە كۆپىنچە ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەردە مىللەتلەر ئىشلىرى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، يېمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىكى، سودا قاتارلىق تارماقلار ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىدىغان، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان ھالال يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش خىزمەت مېخانىزمى قۇرۇلدى.

  يەرلىكتىن قارىغاندا، يەرلىكتىكى كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئىشلىرى تارماقلىرى ھالال يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت قىلىش گەۋدىلىرىگە قارىتا مۇناسىپ نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش چارىلىرىنى قوللاندى؛ قىسمەن جايلار ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش شەكلىدە، ھالال يېمەكلىك ساھەسىدىكى جەمئىيەتلەرنىڭ تەشكىلىي رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ساھەنىڭ ئۆزىگە ئۆزى تەلەپچان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھالال يېمەكلىك كەسپىنىڭ تەرتىپلىك، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ھەرقايسى جايلاردىكى مىللەتلەر ئىشلىرى تارماقلىرى ھالال يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىدە شۇ جايدىكى ئىسلام دىنى جەمئىيەتلىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئاكتىپ رولىنى يېتەكلەش ۋە جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى؛ مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدىكى مىللەتلەر ئىشلىرى تارماقلىرى ھالال يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش پائالىيىتىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈش، تاللاپ تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش بىرلەشتۈرۈلگەن كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، بايقالغان قانۇنغا خىلاپ دىلو ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ئەھۋالغا قارىتا ئۆز ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

  بازار ئىگىلىكى ۋە تاۋار ئوبوروتىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھالال يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش جەھەتتە يەنە بىر قىسىم بىر قەدەر گەۋدىلىك قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر ساقلانماقتا، مەسىلەن «ھالال يېمەكلىك ھالال بولماسلىق»، «ھالال» ماركىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قالايمىقان ئىشلىتىش مەسىلىلىرى ۋە ئەھۋاللار قىسمەن جايلاردا پات-پات يۈز بەرمەكتە؛ بىر قىسىم جايلار مەمۇرىي تەستىق ئىسلاھاتى جەريانىدا، ھالال يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئىشلىرىدا ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جايىدا بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار بار.

  بۇ مەسىلىلەر مەلۇم دەرىجىدە ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە دەخلى قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ھېسسىياتىغا زىيانكەشلىك قىلدى، بەزى جايلاردا ھەتتا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان مۇھىم خەتەرلىك ئامىل بولۇپ قېلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى.

  سوئال: نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ ھالال يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش قانۇن-تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھۋالى قانداق؟

  جاۋاب: گوۋۇيۈەن 1993-يىلى ئېلان قىلىپ يولغا قويغان «شەھەرلەر مىللەتلەر خىزمىتى نىزامى»دا ھالال يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشقا قارىتا مەخسۇس بەلگىلىمە چىقاردى. بىر قىسىم جايلار ئارقا-ئارقىدىن ھالال يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇشتىكى يەرلىك بەلگىلىمە ۋە قائىدىلەرنى چىقىرىپ، ھالال يېمەكلىكلەرگە بولغان قېلىپلاشقان باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى.

  ھازىرغىچە، 20 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ھالال يېمەكلىك باشقۇرۇشنى «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش نىزامى»، «تارقاق ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش نىزامى»غا كىرگۈزدى؛ خېبېي، شەنشى، لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلوڭجياڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، سەنشى، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا، شىنجاڭ قاتارلىق 12 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ھالال يېمەكلىك باشقۇرۇشتىكى يەرلىك قانۇن-نىزاملارنى تۈزدى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېنەن، شەندوڭ قاتارلىق تۆت ئۆلكە (شەھەر) ھۆكۈمەت نىزامى تۈزدى. بۇنىڭدىن باشقا، كۆكخوت شەھىرى قاتارلىق توققۇز قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بار شەھەرلەر ھالال يېمەكلىك باشقۇرۇش يەككە نىزامى تۈزدى، شىنىڭ، گۇاڭجۇ قاتارلىق ئىككى شەھەر ھۆكۈمەت نىزامى ئېلان قىلدى. ھالال يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇشتىكى بۇ يەرلىك قانۇن-نىزاملار دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر قانۇن-نىزام سىستېمىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، ھالال يېمەكلىك باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  ھەرقايسى جايلار ئېلان قىلىپ يولغا قويغان ھالال يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش قانۇن-بەلگىلىمىلىرى ۋە نىزاملار بازارغا كىرىش جەھەتتە، نۇرغۇن جايلار ھالال يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت قىلىش تەستىق تۈزۈمىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت شارائىتى، كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى، باشقۇرۇش تۈزۈمى قاتارلىق جەھەتلەردىن تەكشۈرۈش ياكى ئەنگە ئالدۇرۇشنى يولغا قويدى؛ كۈندىلىك نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش جەھەتتە، ھالال يېمەكلىكلەرنىڭ ماركىسى، بەلگىسى، نامى، ئورۇلىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت ئورنى، توشۇش، ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارغا قارىتا پەرھىز قىلىنىدىغان مەزمۇنلار بار بولۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش جەھەتتە، بەزى جايلار قانۇن چىقىرىپ مىللەتلەر ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ ھەم سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى ھەم قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان تۈزىتىش بۇيرۇقى، تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىش، جازالاش قاتارلىق تەدبىرلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ھەرقايسى جايلار ھالال يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈم- مېخانىزمىنى قۇرۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ھالال يېمەكلىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ماجرانى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئىش تەقسىماتى، مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنى ھالال يېمەكلىكلەرنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى ئۈچۈن قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.

  تەكىتلەش كېرەك بولغىنى، كۆپ يىللاردىن بېرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ھالال يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش قانۇن-تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ئۈچ پىرىنسىپتا چىڭ تۇردى: ئالدى بىلەن يۆنىلىش جەھەتتە، ھالال يېمەكلىكنىڭ ئۆزىگە ئەمەس، بەلكى ئاساسلىقى ھالال يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشقا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ ئىككىنچىدىن، ماس كېلىدىغان ئوبيېكتىپ جەھەتتە، ئادەتتىكى ئىستىمالچىلارغا ئەمەس، بەلكى ئاساسلىقى ھالال يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان تىجارەتچىلەرگە قارىتا باشقۇرۇش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، قانۇن- قائىدىلەر چىقىرىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تايىنىدىغان قانۇن بار بولدى؛ ھالال يېمەكلىكلەر ئۇقۇمى جەھەتتە، ھالال يېمەكلىكلەرنىڭ دائىرىسى ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىگە ماس كېلىدىغان يېمەكلىكلا ئەمەس، بەلكى ئاممىنىڭ تۇرمۇش، يېمەك-ئىچمەك ئادىتى دەپ قاتتىق بېكىتىلىپ، دىننىڭ دىندىن خالىي تۇرمۇشقا ئارىلىشىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر قەۋەت قوغدىنىش تېمى ھاسىل قىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ھالال يېمەكلىك بازىرىنىڭ تەرتىپلىك، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  سوئال: كېينكى قەدەمدە ھالال يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتى قانداق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؟

  جاۋاب: ھالال يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ھالال يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 2016 - يىلىدىن بۇيان، ئالاقىدار تارماقلار ھالال يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش- نازارەت قىلىش خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەر قايسى جايلاردىن «ھالال يېمەكلىكلەرنىڭ تۆكمە بولۇش» مەسىلىسىگە مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. يېقىندا، دۆلەت ئېتراپ قىلىش نازارەت كومىتېتى بىلەن يېڭى زېلاندىيە سانائەت مىنىستىرلىقى بىرلىكتە «يېڭى زىللاندىيەدىن جوڭگوغا ئىمپورت قىلىنىدىغان گۆش مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھالاللىق ئىسپاتى ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرۇش»نى ئىمزالاپ، ئىمپورت قىلىنىدىغان ھالال يېمەكلىكلەرگە ئىسپات بېرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلىرى باشقۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، جايلارنىڭ ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ۋە ئۆز فۇنكسىيەسى، مەجبۇرىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشقا داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىدىكەن. بىر تەرەپتىن، تەۋەلىكىدىكى ھالال يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان «ھالال يېمەكلىكلەرنىڭ تۆكمە بولۇشى»، «ھالال يېمەكلىكلەرنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى»، قانۇنغا خىلاپ ھالاللىق ئىسپاتى بېرىش پائالىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ۋە ئەھۋاللارغا قارىتا ئېنىقلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەم ئۆزىنى تەكشۈرۈش-تۈزىتىش خىزمىتى مۇۋاپىق قانات يايدۇرۇلىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ھالال يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تۇلۇقلاپ، كۆپ خىل ﻗﺎﻧﯘن ۋاﺳﯩﺘﯩﺴﻰ ۋە سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇنغا خىلاپ ھالال يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش، ھالال يېمەكلىك نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئەتىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزگەن تىپىك دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھالال يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۆرپ - ئادىتى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى تۇلۇق ھۆرمەت قىلىنىدۇ ۋە كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر