خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدا چاۋشيەن مېھنەتكەشلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، خەلقئارا ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى جۇيۇڭ باشچىلىقىدىكى چاۋشيەن مېھنەتكەشلەر پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ چاۋشيەن مېھنەتكەشلەر پارتىيە-گۇرۇھى ئۆمىكىنىڭ ئېلىمىزگە كېلىپ يەتتە چوڭ ئەھۋالنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ، جۇڭگو-چاۋشيەندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت پارتىيەسىنىڭ زور مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ئورنىتىش ئەنئەنىسىنى نامايان قىلىپ، كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئىن ۋە چاۋشيەن مېھنەتكەشلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. چاۋشيەن خەلقىنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە چاۋشيەننى قۇرۇش سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى