خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆتكەن 100 يىللىق تارىختا، قۇملۇق بىلەن كۈچ سىنىشىپ كەلگەن چىرا ناھىيە بازىرى ئۈزلۈكسىز چېكىنىپ، ئۈچ قېتىم جەنۇب تەرەپتىكى قۇرۇم تېغى تەرەپكە كۆچكەن ئىدى.
يۇرت-ماكانىنى قوغداش ئۈچۈن، ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ناھىيەدىكى پۈتۈن كۈچنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى. نەچچە ئون يىللىق تۈزەش ئارقىلىق، ناھىيەنىڭ ئىھاتە ئورمىنى، ئىقتىسادىي ئورمىنىنىڭ پۈتۈن يۇرت-ماكاننى قاپلىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، قۇملۇققا تىككەن يۇلغۇن، توشقان زەدىكى، ئانار، چىلان، ياڭاق قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈردى.
بۈگۈنكى كۈندە، ناھىيە بويىچە قۇيۇلغان ئېكولوگىيە ئورمىنى 30 مىڭ 700 موغا، ئىقتىسادىي ئورمان 83 مىڭ 700 موغا، پۈتۈن ناھىيە بويىچە ئورمان ئومۇمىي كۆلىمى 916 مىڭ 900 موغا يەتتى؛ دېھقانلارنىڭ يىللىق كىشى بېشى ساپ كىرىمى ئىلگىرىكى 1000 يۈەنگە يەتمەيدىغان ئەھۋالدىن، ھازىر 5732 يۈەنگە يەتتى.
چىرا ناھىيەسى قۇملۇق يۇتۇپ كەتكەن زېمىنلارنى «قايتۇرۇۋېلىپ»لا قالماي، يەنە يەرلىك دېھقانلار نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىيدىغان قۇملۇق سانائىتىنى بەرپا قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى