باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قول تۇتۇشۇپ، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى

2016.06.02 13:29   مەنبە: خەلق تورى

قول تۇتۇشۇپ، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 3-ئايدا ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى كېلەچەك تورى كىچىك مۇخبىرلىرى مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى چاڭجۇ كومىتېتىدىكى ئۈچ «كىچىك مۇخبىر» ئىككى يىغىن نەق مەيدانىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۈلنۇر مەمەتنى زىيارەت قىلغان، شۇنداقلا ئىككى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى كىچىك دوستلار بىلەن چاڭجۇدىكى كىچىك دوستلار ئارىسىدا ئۆزئارا تونۇشۇپ ياردەم بىرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ۋەدىلەشكەنىدى.

  31-ماي كەچتە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى گۈلنۇر مەمەت قەشقەردىكى 18 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە ئۈچ مۇئەللىمنى ئېلىپ چاڭجۇغا كېلىپ، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى كېلەچەك تورىنىڭ چاڭجۇدىكى كىچىك مۇخبىرلىرى بىلەن «قول تۇتۇشۇپ، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى» بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.پائالىيەت مەيدانىدا، شىنجاڭلىق كىچىك دوستلار بىلەن ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى كېلەچەك تورىنىڭ چاڭجۇدىكى 18 كىچىك مۇخبىرى نەق مەيداندا ئۆزئارا تونۇشۇپ ياردەم بىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، پىئونېرلار ئۆزئارا گالىستۈك تاقاپ، سوۋغا تەقدىم قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چاڭجۇ لوڭچىڭدىكى قەھرىمانلار ئۇچرىشىش ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىدىن كەلگەن مېھرىبان زاتلار بۇ قېتىم چاڭجۇغا كەلگەن كىچىك دوستلارغا مول سوۋغات تەييارلىدى.

  ئۆزئارا تونۇشۇپ ياردەم بىرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئىككى جايدىكى كىچىك دوستلار بىرلىكتە ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى كۆردى ھەم ئىككى كىچىك دوست ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىپ، دوستلۇق كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

  31-ماي كەچتىكى نەق مەيداندا، بىز چاڭجۇدىكى كىچىك دوستلار ئۆزى تونۇشقان شىنجاڭدىن كەلگەن كىچىك دوستلارنى ئۆز ئۆيىگە بېرىپ مېھمان بولۇشقا قىزغىن تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارغا چاڭجۇنىڭ مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدۇردى.

  كېچىلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى گۈلنۇر مەمەت قىزغىنلىق بىلەن چاڭجۇدىكى كىچىك مۇخبىرلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىنى بىرلىكتە شىنجاڭغا بېرىپ ئويناپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى، كىچىك بالىلار ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى خۇشال بولۇشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·بۈگۈندىن باشلاپ، دۆلەتلىك ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىق قىلغانلارنىڭ ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چە…
    ·قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى- كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ جۇڭگولوق ئوقۇتقۇچىلىرى جۇڭگونىڭ ئالمۇتادا تۇرۇشلۇق …
    ·مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزەيلى
    ·ئاپتونوم رايون ھەر يىلى 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشقا كا…
    ·نومۇر قوشۇش تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ھەر يىلى 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇ…
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئېلىنىدىغان يېزىقچە سالاھىيەت ئىمتىھانى ھەر يىلى 3-ئاي ۋە…
    ·ئېلىمىزدە سەنئەت ساھەسىدە ماگىستىر تەربىيەلەش ئورنى 200 دىن ئاشتى
    ·مەملىكەت بويىچە يەنە 73 ساختا ئالىي مەكتەپ ئاشكارىلاندى
    ·شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىككى ئادەتتىكى كەسپىي ئالىي مەكتەپ بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىل…