باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

1-ئىيۇندىن باشلاپ بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىغانلارغا 20 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ

2016.06.02 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: « بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋېلىڭ»، ھازىر نۇرغۇن يولۇچى ماشىنىغا ئولتۇرغاندا، شوپۇرنىڭ بۇ خىل تەلىپىنى ئاڭلايدۇ. كۆپ يىللىق تەشۋىقات، تەرتىپكە سېلىشتىن كېيىن، گەرچە ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرغان شوپۇر ۋە يولۇچىنىڭ بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقاش نىسبىتى خېلىلا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لىكىن ئارقا رەتتە ئولتۇرغان يولۇچىلاردىن بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىدىغانلار ناھايتى ئاز. ئەمما، 1-ئىيۇندىن باشلاپ، پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىدە مەيلى ئالدىدا ياكى ئارقا رەتتە ئولتۇرغان بولسۇن، بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىغانلا بولسا، 20 يۈەن جەرىمانە تۆلەيدۇ.

  «بىخەتەرلىك تاسمىسى ـ ھاياتلىق تاسمىسى»_ مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى 20-ئاپرېلدىن باشلانغان، 21-مايدىن 31-مايغىچە يەنە ئەسكەرتىش- تەربىيە ۋاقتى بېرىلگەن. 1-ئىيۇندىن باشلاپ، شوپۇر ياكى باشقا يولۇچىلار بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىسا، ئەسكەرتىش-تەربىيە بېرىلمەستىن، بىۋاسىتىلا جەرىمانە تۆلەيدۇ. مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش ھەرىكىتى يىل ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرى ساقچىلىرى كۈندىلىك ۋەزىپە ئۆتەش داۋامىدا شۇنى بايقىغان: شەھەر ئىچى رايونىدا يۈرگەن ئاپتوموبىللاردا ئارقىدا ئولتۇرغان يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقايدىغانلار %10كىمۇ يەتمەيدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئالاقىدار دوكلاتلاردىن قارىغاندا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىغاندىن كېيىن ھادىسە سەۋەبلىك ئۆلۈش-يارىلىنىش نىسبىتى %70 تۆۋەنلىگەن. شۇڭا، قانۇندا ئېنىق قىلىپ: بوي ئېگىزلىكى 1.4 مېتىر، ئېغىرلىقى 40 كىلوگرامدىن يۇقىرى بولغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىۋاسىتە ئاپتوموبىل بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىشى، بولمىسا بالىلار ئورۇندۇقى سەپلەش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر