باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھەرلىك تەپتىش ئورگىنى شىڭ X قاتارلىق بەش كىشىنى قانۇن بويىچە دىلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى

2016.06.02 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئورگان مىكرو بىلوگى «بېيجىڭ تەپتىش»تە 1-ئىيۇن ئۇچۇر ئېلان قىلىنىپ، ئالدىنقى كۈنى، بېيجىڭ شەھىرى چاڭپىڭ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ «پاھىشۋازلىققا چېتىشلىق بولغان لېي ياڭنىڭ ساقچىلارنىڭ مەجبۇرىي چەكلەش تەدبىرى قوللىنىشىدىن كېيىن ئۆلۈپ قېلىش» يىپ ئۇچىغا قارىتا دەسلەپكى تەكشۈرۈشنى تاماملاپ، دىلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش شەرتىگە چۈشىدۇ، دەپ قارىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  دىلو بېجىرىشنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بۇ دىلونى بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۆتىنچى تارماق مەھكىمىسىنىڭ دىلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلدى. 1-ئىيۇن، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 4-تارماق مەھكىمىسى قانۇن بويىچە چاڭپىڭ رايونلۇق ج خ تارماق ئىدارىسى دوڭشياۋكۇ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى شىڭ X قاتارلىق بەش كىشىگە قارىتا دىلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى، تەرتىپ بويىچە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىندى. شۇ كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك مۇناسىۋەتلىك تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ شىكايەت تەپتىش تارماقلىرى يەنە لېي ياڭنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ۋۇ Xكە تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ دىلو بېجىرىش ئەھۋالىنى ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر