باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

5G كېلىۋاتىدۇ، بارلىق مەۋجۇدات ئۆز ئارا ئۇلىنىدىغان دەۋرگە ئاز قالدى

2016.06.02 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىزنىڭ 5G نى ئىلگىرى سۈرۈش گۇرۇپپىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى، كورىيە، ياپونىيە ۋە ئامېرىكا جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا 5G يىغىنى 31-ماي بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقى 5G قەدىمىنىڭ بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  5G دەۋرىدە، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچىلا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىنودىن بىرنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ.... تور سۈرئىتىنىڭ ئېشىشىدىن باشقا ئۇ ئىنسانلارغا يەنە يېڭى «سېھرىي كۈچ» ئاتا قىلىدۇ. يېڭى تىپتىكى 5G «كۆپ ئادرېس تېخنىكىسى» كۆچمە تورنىڭ كىرىش سۈرئىتىنى نەچچە يۈز ھەسسە تېزلىتىدۇ. ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان 4G بىلەن ئاران يان تېلېفون قاتارلىق ئەسلىھەلەرنىلا ئۇلىغىلى بولىدۇ، لېكىن 5G تورى بىلەن تېلېفوندىن باشقا يەنە ئاپتوموبىلدىن تارتىپ يىڭنىغىچە بولغان نەچچە يۈز ئەسلىھەنى ئۇلىغىلى بولىدۇ.

  5G نەرسە تورىدا، كىشىلەرنىڭ «دۇربۇنى» بىلەن «كانىيى» بولىدۇ، يەنى نەرسىلەرنىڭ ھالىتى، ئەھۋالى ۋە سانلىق مەلۇماتى ئارقىلىق ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرغىلى ۋە كونترول قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: بىرەيلەن كاماندروپكىغا چىققاندا بىر ھۆججەت ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، دەرھال توردا باشقۇرۇلىدىغان ئائىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەسۋابى ئارقىلىق ھۆججەتنى تېپىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەمنى كونترول قىلىپ ھۆججەتنى سكاننېرلاپ ئەۋەتسە بولىدۇ، «بوشلۇق ھالقىپ نەرسە ئېلىش» ھەم ئاددىي ھەم قولايلىق.

  يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ھەر قايسى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىلىرىدە، ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىللار بەس-بەستە مەيدانغا كەلدى. كەلگۈسىدە، ئاپتوموبىل چوڭ «يان تېلېفون»غا ئايلىنىپ تورغا چىقىپ، بىر-بىرىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ھالدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ، يول قاتنىشىنى ياخشىلاپ، ئاپتوموبىل ھەيدەشتىكى پارچە ۋاقىتتىن يېڭىدۇ. ئاپتوموبىل ئىچىدە سىن يىغىنى ئېچىش، ئويۇن ئويناش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلارنى قىلغىلى بولىدۇ. ھازىر، نۇرغۇن ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرى تەجرىبە قىلىنىدىغان ئاپتوموبىل تىپىنى تونۇشتۇرۇپ، 5G تورىنىڭ كەڭ تارقىلىشىنى كۈتۈۋاتىدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: بارلىق نەرسىلەر ئۆز ئارا ئۇلانسا، «يان تېلېفون» ئۇقۇمى ئاستا-ئاستا سۇسلىشىدۇ. كەلگۈسىدە يان تېلېفون ۋەكىللىكىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىناللاردا قوشۇلۇش، مىكرولىشىش ۋە كۆپ مەنبەلىشىشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، كۆچمە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنالنىڭ فۇنكسىيەسى كۆز ئەينەك، قول سائىتى قاتارلىقلار ئۈسكۈنىلەر بىلەن بىرىكىدۇ.

  بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات كىشى قەلبىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ: ئېلىمىزنىڭ 5G تۆۋەن چاستوتىلىق تېخنىكىسىنىڭ سىرتتىكى سىناق قىلىش تور سۈرئىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىممىتى 3.5Gbps ئېشىپ، 4G تور سۈرئىتىنىڭ 12 ھەسسىسىدىن يۇقىرى بولغان؛ ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن 5G كۆپ ئادرېس تېخنىكىسى بىلەن ھەر كۋادرات كىلومېتىردا 1 مىليوندىن ئارتۇق نەرسىگە ئۇلىغان، بۇ 4G نىڭ ئون نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن؛ ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن 5G نىڭ كېچىكىشى مىللىسېكۇنت كۆرسەتكۈچىگە يېتىپ، ئالاقىلىشىش چاققانلىقى 4G نىڭ 10 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن....

  تۇنجى 5G تېخنىكا ئۆلچىمىنىڭ 2018-يىلى ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. بۇ قېتىمقى 5G يىغىنىدا، دۆلەت سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مياۋ ۋېي، ئېلىمىزنىڭ 2020-يىلىغا بارغاندا 5G تېخنىكىسىنى سودا ئىشلىرىدا ئىشلىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر