باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىش يېزىقچە ئىمتىھانى نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى

2016.06.02 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 5571 مەمۇرنى ئاشكارا قوبۇل قىلىش يېزىقچە ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى، 168 مىڭ ئىمتىھان بەرگۈچى شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تور بېكىتى(http://www.xjrsks.com.cn)دىن ئۆزىنىڭ يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا كىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

  31 - ماي، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئىككى پەن بويىچە ئېلىنغان يېزىقچە ئىمتىھانىنىڭ ئەڭ تۆۋەن لاياقەتلىك نومۇر چېكى 85 نومۇر، ئۈچ پەن بويىچە ئېلىنغان يېزىقچە ئىمتىھانىنىڭ ئەڭ تۆۋەن لاياقەتلىك نومۇر چېكى 120 نومۇر بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چەرچەن ناھىيەسى، چاقىلىق ناھىيەسىدىكى ئورۇنلارنىڭ نومۇر چېكى ئايرىم - ئايرىم ئىككى پەننىڭ 75 نومۇر، ئۈچ پەننىڭ 110 نومۇر بولغان. تاللاپ قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن لاياقەتلىك نومۇر چېكى 100 نومۇر بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئەڭ تۆۋەن لاياقەتلىك نومۇر چېكى 80 نومۇر بولغان.

  يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا كىرىشتە، يېزىقچە ئىمتىھانىنىڭ ئەڭ تۆۋەن لاياقەتلىك نومۇر چېكىدىن يۇقىرى بولغانلار ھەر بىر خىزمەت ئورنىنىڭ رەت تەرتىپى بويىچە، بەلگىلەنگەن نىسبەت بويىچە يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ بېكىتىلىدۇ.

  سالاھىيەت تەكشۈرۈش ۋە يۈزتۇرانە ئىمتىھان 7 - ئايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلار كونكرېت ۋاقىت، ئورۇن قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىمتىھان مەركىزى تور بېكىتىدىن تەكشۈرسە بولىدۇ.ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساسىي قاتلامدا تەربىيەلەپ چېنىقتۇرىدىغان «بۇغدا كۆلى پىلانى»نىڭ يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسىمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تەڭ تەكشۈرسە بولىدۇ.

  «بۇغدا كۆلى پىلانى»نىڭ ئەڭ تۆۋەن لاياقەتلىك نومۇر چېكى 85 نومۇر بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ چەرچەن ناھىيەسى، چاقىلىق ناھىيەسىدىكى ئورۇنلارنىڭ نومۇر چېكى 75 نومۇر بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر