باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئارمىيە ئىسلاھاتى مەزگىلىدە قانۇن-نىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى تارقىتىشنى تەستىقلىدى

2016.06.02 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا «دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەزگىلىدە، ھەربىي قانۇن-نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، ھەربىي كومىتېتنىڭ ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە، جۇڭگوچە ھەربىي قانۇن-نىزام، تۈزۈم سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەزگىلىدە، ھەربىي قانۇن-نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەربىي كومىتېتنىڭ ئىسلاھ قىلىش قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىشنى ئىسلاھات بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالدى بىلەن زۆرۈر قانۇنلارنى چىقىرىش، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ پىلانلاپ، ماس ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي، كارغا كېلىدىغان، سىستېمىلىق، يۈرۈشلەشكەن جۇڭگوچە ھەربىي قانۇن-نىزام، تۈزۈم سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر