باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نوپۇزى ۋە تەرتىپىنى قوغداپ، قانۇن بويىچە كۆچۈرمىچىلىك قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرىدۇ

2016.06.06 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئىيۇن، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2016 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا 166 مىڭ 100 كىشى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 5600 كىشى كۆپەيگەن؛ ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 63 ئىمتىھان رايونى، 182 ئىمتىھان نۇقتىسى، 7005 ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىل بەش ئىمتىھان رايونى، ئالتە ئىمتىھان نۇقتىسى، 298 ئىمتىھان مەيدانى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن، ئىمتىھان خىزمەتچىلىرى 20 مىڭدىن ئاشقان.

  2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ مۇقىم، ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ ئالدىنى ئېلىش، جازالاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سەمىمىيەت سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نوپۇزىنى ۋە ياخشى بولغان تەرتىپىنى قوغداپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن سىناق ئىستىلى ۋە ئىمتىھان ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئۈچۈن باراۋەر، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدار سۇپىسى، ھۆكۈمەت تەرەپ مىكرو بىلوگى، ھۆكۈمەت تورى قاتارلىق كۆپ خىل تەشۋىقات يوللىرى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ئۈچ خىل تىل - يېزىقتا قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىنى تۈزۈپ ھەقسىز تارقاتتى. ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتى ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، «جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى (9) » ۋە يېڭى « مائارىپ قانۇنى»دىكى ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش جىنايىتى قاتارلىق قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا بولغان تەشۋىقاتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەكتەپلەرگىچە تەشۋىق قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا شىنجاڭنىڭ بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى سىياسىتىنى ياخشى چۈشەندۈردى. ھەرقايسى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەمىمىيەت تەربىيەسى ۋە ئىمتىھان ئىنتىزامى مائارىپىنى كۈچەيتىپ ھەم بىر - بىرلەپ سەمىمىيەت ئىمتىھانى ۋەدىنامىسى ئىمزالىدى.

  بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۆلچەملەشكەن ئىمتىھان نۇقتىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ھەرقايسى ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا ئوقۇغۇچىلار مەيدانغا كىرىشتە كۆپ خىل كىنىشكە تەكشۈرۈش، ئادەم ئارقىلىق مۇداپىئەلىنىش ۋە تېخنىكا ئارقىلىق مۇداپىئەلىنىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار مەيدانغا كىرگەندە سالاھىيەت تەكشۈرۈشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ مەيدانغا كىرىش ھالقىسىدىن باشلاپ ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۆلچەملەشكەن ئىمتىھان نۇقتىسىنىڭ تەكشۈرۈش سىستېمىسى ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، ئىمتىھاننىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ھەممە يەرنى تولۇق نازارەت قىلىدۇ. ئىمتىھان ۋاقتىدا، جايلاردا سىمسىز تېلېگرافنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ماشىنىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، كۆچۈرمىچىلىك ئۇچۇرلىرىنى توسۇپ ۋە دەخلى قىلىپ، يۇقىرى پەن- تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ يان تېلېفون، سىمسىز تىڭشىغۇچ قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆچۈرمىچىلىك قىلمىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە زەربە بېرىدۇ.

  بۇ يىل «جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى (9) » ۋە يېڭى «مائارىپ قانۇنى» ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى. ئىمتىھان سوئالىنى ئېلىپ-سېتىش، ئىمتىھاندا ئادەم سېلىش قاتارلىق كۆچۈرمىچىلىك قىلىش ۋە كۆچۈرمىچىلىككە ياردەم قىلىش قىلمىشىنىڭ قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر «دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى» (مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 33 - نومۇرلۇق پەرمانى )دا ئېنىق بېكىتىلگەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش ئون نەچچە خىل قىلمىشىنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، ئۇنىڭ ئىمتاھانغا قاتنىشىشقا تىزىملىتىشتىكى ھەرقايسى باسقۇچلىرى، ھەر قايسى پەندىكى نەتىجىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ، شۇنداقلا يەنە شەخسىي سەمىمىيەت ئارخىپىغا خاتىرىلىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ھەر مىللەت ئىمتىھان بەرگۈچىلىرىنى سەمىمىيەت ئىمتىھانى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئىمتىھان مەيدانى ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ سەمىمىي، ئەركىن-ئازادە ئىمتىھان بېرىپ، ياخشى سەۋىيەسى ۋە ئۇسلۇبىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئەسكەرتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر