باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق نەپ ئالايلى

2016.06.06 17:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-نۆۋەتلىك شانگرى-لا سۆھبەت يىغىنى 5- ئىيۇل ( قىسقارتىلىپ « شانگرى-لا يىغىنى» دېيىلىدۇ) سىنگاپوردا ئاخىرلاشتى. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى بىخەتەرلىك سۆھبىتى مېخانىزمىدىكى كۆلىمى چوڭراق، قاتلىمى يۇقىرىراق بولغان غەيرىي ھۆكۈمەت خەۋپسىزلىك مۇنبىرىنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىغا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان، شىمالىي ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن كەلگەن 560 تىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشتى.

  ئۈچ كۈنلۈك يىغىندا، ئوخشىمىغان رايونلارنىڭ خەۋپسىزلىك قارالمىلىرى ئۈستىدە 5-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ۋە كۆپ قېتىملىق ئالاھىدە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، يىغىنغا قاتناشقان كۆپ دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى، ھەربىي باشلىقلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى قاتارلىق مۇداپىئە ئىشلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى جەم بولۇپ، يىغىن مەزگىلىدە ئىككى تەرەپ ياكى ئۈچ تەرەپ كۆپ قېتىم سۆھبەتلەشتى. دۇنيا ۋەزىيىتى ئۆزگۈرۈشچان، مۇرەككەپ ئامىللارغا دۇچ كېلىۋاتقان، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ﺋﯩﺴﺘﺮاﺗﯧﮕﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﻰ تەڭشىلىۋاتقان ئەھۋالدا، «شانگرى-لا يىغىنى» ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ئۇچۇر ئالاقىسى، ماسلاشتۇرۇش سىياسىتى قاتارلىقلاردا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  نەنخەي دېڭىزى مەسىلىسىدە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە باش ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن ئىشتاب باشلىقى سۇن جيەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ۋە نەنخەي دېڭىزى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن، نەنخەينىڭ ۋەزىيىتى ئومۇمەن مۇقىملاشتى، نەنخەي دېڭىزىنىڭ قاتناش ئەركىنلىكى بەزى تالاش-تارتىشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىدى. جۇڭگو زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداشتا چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، سۆھبەت ئارقىلىق كېڭىشىش ۋە تالاش-تارتىشلارنى تىنچ ھەل قىلىشتا، نىزام ۋە مېخانىزم ئارقىلىق باشقۇرۇش-تىزگىنلەشتە، ھەمكارلىشىپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق نەپ ئىلىشتا، نەخەي دېڭىزىنىڭ قاتناش ۋە ئۇچۇش ئەركىنلىكىنى قوغداپشتا، نەنخەي دېڭىزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر