باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا "ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش" مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنى ئىچىلدى

2016.06.03 14:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى 31-ماي بېيجىڭدا "ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش" مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى يۈ جىڭشىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ماكەي يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ۋە يەرلىك سىياسىي كېڭەشتىكى يولداشلار يىغىندا سۆز قىلىپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا پىكىر تەكلىپلەرنى بەردى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ زۇسەي، مۇئاۋىن پەن-تېخنىكا مىنىستىرى يىن خىجۈن ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. مالىيە مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ تەكلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

  ئەزالار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: يېڭىلىق يارىتىش- مىللەتلەر تەرەققىياتىنىڭ جېنى، ئىگىلىك تىكلەش- ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىشنىڭ مەنبەسى. پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. 30-ماي مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىكنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 9-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، دۇنيا بويىچە پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشىمىز، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، "ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش" خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر