- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكا سايلىغۇچىلىرى زۇڭتۇڭ نامزاتلىرنىڭ ئىقتىسادى سىياسىتىگە بولغان مەيدانىغا ئەڭ دىققەت قىلىۋاتماقتا
2016.06.03 14:20 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا گەيروپ مەسلىھەت سوراش شېرىكىتى 1-ئىيون ئېلان قىلغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتلىرىنىڭ ئىقتىسادى سىياسەتكە بولغان مەيدانى ئامېرىكا سايلىغۇچلىرىنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل بولغان.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان%92 كىشى نامزاتلارنىڭ ئىقتىسادى سىياسەت توغرىسىدىكى مەيدانىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە ئىنتايىن مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ مۇھىملىقىمۇ ئايرىم ئايرىم ھالدا %89 ۋە %87 نى ئىگىلەپ، 2- ۋە 3-ئورۇندا تۇرغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر