باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مالىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۆمىكىنىڭ قورال جابدۇقلىرى ۋە ئىقتىدار مەسىلىسىنى كۈچەيتىش مۇزاكىرە قىلىنماقچى

2016.06.03 14:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇشۇ ئايلىق نۆۋەتچى رەئىسى، فىرانسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى دىرات 1-ئىيۇن مۇنداق دېدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى مۇشۇ ئايدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆپ قاتلاملىق ئونۋىرسال مۇقىملىقنى ساقلاشقا ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ئۆمىكىنىڭ قورال-جابدۇقلىرى ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: 31-ماي يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن، مالىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۆمىكىنىڭ ئىنتايىن قىيىن مۇھىيتتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى ئايان بولدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى مۇشۇ ئايدا مالىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۆمىكىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش مەزگىلىنى ئۇزارتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا، خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كېمون شۇنغان ئالاقىدار دوكلاتقا ئاساسەن، تىنچلىقنى ساقلىغۇچى خادىملارنىڭ ئادەم ساننى كۆپەيتىش كۆپەيتمەسلىك، مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۆمىكىنىڭ قۇرال جابدۇقلىرىنى ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر