- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كې جيې بۇ يىل ئىچىدە AlphaGo بىلەن تۇتۇشىدۇ
2016.06.06 15:01 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قارت-شاھمات تەنھەرىكىتى باشقۇرۇش مەركىزى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، خەلقئارا قورشاۋ شاھمات ئىتتىپاقى ئىشلىرىنىڭ باشلىقى ياڭ جۈنئەن 4-ئىيۇن، ئەگەر باشقا كۈتۈلمىگەن ئىشلار يۈز بەرمىسە، كې جيې بۇ يىل ئىچىدە AlphaGo بىلەن قورشاۋ شاھمات «ئاخىرقى ئادەم-ماشىنا جېڭى» ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
بۇ يىل ئۈچىنچى ئايدا ئېلىپ بېرىلغان AlphaGo ۋە لى شىشى ئوتتۇرىسىدىكى قورشاۋ شاھمات ئادەم-ماشىنا مۇسابىقىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە AlphaGo بىرگە قارشى تۆت نەتىجە بىلەن كورىيەلىك داڭلىق ماھىر لى شىشىنى يېڭىۋالدى. بىراق جۇڭگودىكى دەرىجىسى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كې جيې، گەرچە AlphaGo لى شىشىنى يەڭگەن بىلەن، بىراق ئۆزىنى يېڭەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن شاھمات ھەۋەسكارلىرى بۇ قېتىملىق كې جيې بىلەن AlphaGoنىڭ تىركىشىشىگە ئىنتىزار بولماقتا.
ئەمدىلا ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن خەلقئارا قورشاۋ شاھمات ئىتتىپاقى ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، كورېيەلىك ماھىر لى شياچېننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، لى شىشى بىلەن AlphaGoنىڭ تىركىشىشى قورشاۋ شاھماتنىڭ كورىيەدىكى تەسىرىنى مىسلىسىز ئاشۇرغان. شۇ چاغدا KBS قاتارلىق تەسىرى كۈچلۈك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز تېلېۋىزىيە تاراتقۇسى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى ئۇلاپ كۆرسەتكەن، كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەرلەر دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە يېقىنلىشىپ قالغان، لى شىشىمۇ دۆلەت قەھرىمانىغا ئوخشاش شەخسكە ئايلانغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر