باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيەنىڭ سابىق خانقىزى زوڭتوڭغا «ھاقارەت» قىلغانلىقتىن 14 ئايلىق كېچىكتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

2016.06.03 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە زوڭتوڭى رەجەپ تايىر ئەردوغاننى ھاقارەتلەشكە چېتىشلىق بولغانلىقتىن، ئىلگىرىكى «تۈركىيە خانقىزى» مەرۋە بۈيۈكساراج 5-ئاينىڭ 31-كۈنى 14 ئايلىق قاماققاھۆكۈم قىلىنىپ، ئارقىدىن كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ئۆزگەرتىلدى. ئىستانبۇلدىكى بىر سوت مەھكىمىسى شۇ كۈنى «ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ھاقارەتلەش» جىنايىتى بىلەن مەرۋە بۈيۈكساراج 14 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، بىراق ئەگەر بۇندىن كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە ئوخشاش جىنايەتنى سادىر قىلمىسا، تۈرمىدە يېتىشتىن خالىي قىلىنىدۇ، دېدى.

  مودىللىقتىن كېلىپ چىققان مەرۋە بۈيۈكساراج بۇ يىل 27 ياشتا بولۇپ، 2006-يىلى گۈزەللەر تالاش مۇسابىقىسىدە «تۈركىيە خانقىزى» بولغان.

  ئۇ 2014-يىلى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا بىر ساتىرىك شېئىرنى ھەمبەھىرلىگەن بولۇپ، ساقچى تەرەپ بۇ شېئىر شۇ چاغدىكى زوڭلى ئەردوغان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ چېرىكلىشىشىگە دارىتمىلانغان، دەپ بېكىتىپ، 2015-يىلى ئۇنى قىسقا مۇددەت تۇتۇپ تۇرغان. زوڭتوڭغا ھاقارەت قىلىش تۈركىيەدە جىنايەت بولۇپ، ئېغىر بولغاندا تۆت يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

  فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەردوغان 2014-يىلى 8-ئايدا زوڭتوڭ بولغاندىن بۇيان، تەخمىنەن 2000 ئادەم بىلەن تۆھمەت قىلىش جىنايىتى دەۋاسى قىلغان. مەرۋە بۈيۈكساراج ئۆزىنىڭ ئەردوغاننى مەقسەتلىك ھاقارەتلىگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان. ئۇنىڭ ئادۋوكاتى بۇ ھۆكۈمنى قۇبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ھەم فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگتىكى ياۋروپا سوت مەھكىمىسىگىچە ئەرز قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر