باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەتە ئېلىنىدۇ: جايلار «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ئەندىزىسى» بويىچە ئوقۇغۇچىلارنى قوغداشنى باشلىدى

2016.06.06 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەتىدىن باشلاپ 2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېلىنىپ، مىليونلىغان ئوقۇغۇچى ئىمتىھان بېرىدۇ. مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ كۆلەملىك، ئەڭ ئېتىبار بېرىلىدىغان ئىمتىھانغا قارىتا، جايلار ئەتىدىن باشلاپ يىلدا بىر كېلىدىغان «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ئەندىزىسى»نى يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئېلىپ بېرىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ج خ تارماقلىرى ساقچىلارنى زىچ ئورۇنلاشتۇردى: بېيجىڭ شەھىرىدىكى ھەر بىر ئىمتىھان نۇقتىسىغا ئاز دېگەندە سەككىز ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇلدى

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاننى ياخشى بېرىشى ۋە ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىمتىھان مەيدانى سىرتىنى ئالدى بىلەن ساقچىلار مۇھاپىزەت قىلىدۇ. يېقىندا، خۇبېي، بېيجىڭ، گەنسۇ، ئەنخۇي قاتارلىق جايلارنىڭ ج خ تارماقلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتىنى زىچ ئورۇنلاشتۇردى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلدى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش قىلمىشىغا زەربە بېرىش ۋە تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇردى، ئىمتىھان نۇقتىلىرىغا چارلاش ئاپتوموبىلى ئورۇنلاشتۇردى.... ھەر قايسى جايلاردىكى ساقچىلار كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى.

  خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، خۇبېي ئۆلكىلىك ج خ ئورگىنى ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن «يېشىل يول» ئېچىپ، جىددىي كىملىك بېجىرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا «بىردەك ئالدىن بېجىرىش، بىردەك ئالدىن تەستىقلاش، بىردەك ئالدىن يوللاش، بىردەك ئالدىن تۈزۈش»تەك «تۆت بىردەك» سىياسىتىنى يولغا قويغان. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇبېي ئۆلكىسى جايلاردىكى ج خ تارماقلىرىدىن ئىمتىھان نۇقتىسىغا چارلاش ئاپتوموبىلى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى «جىددىي يەتكۈزۈش» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان. قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى «تىنچ مېڭىش ئەندىزىسى»نى يولغا قويۇپ، ئىمتىھان نۇقتىسى يول بۆلەكلىرىدە قاتناشنى ئىدارە قىلىدىكەن.

  بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ساقچىلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇداپىئەلىنىش، كونترول قىلىش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، ساقچى كۈچلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىمتىھان نۇقتىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا مايىللاشتۇرۇپ، ھەر بىر ئىمتىھان نۇقتىسىغا ئالاھىدە ساقچى، چارلاش ساقچىسى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى، ئىچكى قوغداش خادىمى، قاتناش ساقچىسى قاتارلىقلار بويىچە ئاز دېگەندە سەككىز ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بېكىتتى. بۇ يىل يەنە تۇنجى قېتىم ئىمتىھان سوئالىنى ئالاھىدە ساقچىلار كۆزىتىپ بېيجىڭغا ئېلىپ كىرىدىكەن.

  نۇرغۇن جايلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ئىمتىھان مەيدانى سىرتىدا كۈتۈپ تۇرىدۇ

  داۋالاش-سەھىيە تارماقلىرى، ئىمتىھاننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش سېپىدە ئىزچىل مۇھىم كۈچ ھېسابلىنىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئىمتىھان خىزمەتچىلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قىسمەن جايلارنىڭ سەھىيە تارماقلىرى ئالدىن تەييارلىق قىلدى.

  ئاشكارا خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، نۇرغۇن جايلار 2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدىكى داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. بۇنىڭ ئىچىدە، نۇرغۇن جايلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى داۋالاش-قۇتقۇزۇشقا قارىتا، ئاز دېگەندە بىر ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بويىچە نۇقتىدا بەلگىلەنگەن قوبۇل قىلىپ داۋالايدىغان دوختۇرخانا قىلىشنى بېكىتكەن. قۇتقۇزۇشقا مەسئۇل دوختۇرخانا خىزمەت پىلانى تۈزۈپ، جىددىي قۇتقۇزۇش قوشۇنى تەشكىللىشى كېرەك.

  كونكرېت جەھەتتىن قارىغاندا، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ياڭجۇ شەھىرى ھەر بىر ئىمتىھان نۇقتىسىغا قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى سەپلەشنى تەلەپ قىلغان ۋە تۇنجى قېتىم يۈرەك دېفىبرىلاتورى سەپلىگەن. شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شيەنياڭ شەھىرى ھەر بىر ئىمتىھان نۇقتىسىدا نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش-داۋالاش نۇقتىسى ياكى شىپاخانىسى تەسىس قىلىپ، تەجرىبىلىك، نەق مەيداندا داۋالاش-قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى بار داۋالاش خادىملىرىنى ئاجرىتىپ نەق مەيداننىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى، داۋالاشنى قوبۇل قىلىدىغان نۇقتىدا بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلارنىڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، ئېغىر كېسىلى بار ئاغرىققا يولۇققاندا، ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر