- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىسىغا 200 مېتىر يېقىنلىقتىكى ئىش ئورنىدا ئىش توختىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى
2016.06.06 16:29 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-،8-، 9-ئىيون ئۈچ كۈن مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانى ئېلىش كۈنى. ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن جىمجىت ياخشى ئىمتىھان مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىكى نەچچىلىگەن ئىش ئورنىدا ئىش توختىتىلىدۇ.
يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى «شەھەر بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان مەزگىلىدە ئىمتىھان نۇقتىلىرىنىڭ 200 مېتىر دائىرىسىدىكى قۇرۇلۇش مەيدانى، ئىمتىھان نۇقتىسىغا 200 مېتىر كېلىدىغان دائىرىدىكى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنىڭ شاۋقۇن چىقىرىپ مەشغۇلات قىلىشىغا بولمايدىغانلىقى تەلەپ قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر