باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 7-نۆۋەتلىك پاكىز ئېنېرگىيە مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ۋە «يېڭىلىق يارىتىش بۇرچى» مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2016.06.03 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭنىڭ 7-نۆۋەتلىك پاكىز ئېنېرگىيە مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ۋە «يېڭىلىق يارىتىش بۇرچى» مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى

  7-نۆۋەتلىك پاكىز ئېنېرگىيە مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ۋە «يېڭىلىق يارىتىش بۇرچى» مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرى، خەلقئارا تەشكىلىي ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىم، كارخانىچى قاتارلىق ھەر قايسى ساھەدىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.

  بۇ نۆۋەتلىك يىغىن ب د ت كېلىمات ئۆزگىرىشى پارىژ يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، پاكىز ئېنېرگىيە ساھەسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھىم يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پاكىز ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە ئىشلىتىشكە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. جۇڭگو كەلگۈسىدە يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، تۆۋەن كاربونلۇق ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش، يېشىل قۇرۇلۇش ۋە تۆۋەن كاربونلۇق قاتناشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۆلەت كاربون قويۇۋېتىش سودىسى بازىرى قۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربوننى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئۆز ئارا ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  جۇڭگو كېلەر يىلى 8-نۆۋەتلىك پاكىز ئېنېرگىيە مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئاچىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ، پاكىز ئېنېرگىيە توغرىسىدىكى ساۋات ۋە تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇرۇپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، يەر شارىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

  يىغىننىڭ ئۇتۇقلۇق ئېچىلىشىنى تىلەيمەن!

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  2016-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر