باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

15-نۆۋەتلىك شانگىرىلا سۆزلىشىشى يېپىلدى

2016.06.06 15:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  15-نۆۋەتلىك شانگىرىلا سۆزلىشىشى 5-ئىيون سىنگاپوردا يېپىلدى. ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشقان مەزگىلدە تېررورلۇق، تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق رايون بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان كۆپلىگەن مەسىلىلەردە مۇزاكىرە ئىلىپ باردى ۋە سۆزلەشتى. كۆپلىگەن ۋەكىللەر ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق نەپكە ئېرىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك سۆزلىشىشتە، ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى يەنە تور بىخەتەرلىكى، تېخنىكىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە مۇزاكىرە ئىلىپ باردى.

  15-نۆۋەتلىك شانگىرىلا سۆزلىشىشى 3-ئىيۇندىن 5- ئىيۇنغىچە سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن. شانگىرىلا سۆزلىشىشى رەسمىي ھالدا ئاسىيا بىخەتەرلىك باشلىقلار يىغىنى دەپ ئاتالدى. ئەنگلىيە خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنى قوزغىغانلىقى ئۈچۈن، سىنگاپور ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا 2002- يىلدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن كۆپ تەرەپلىك مۇنبەردە، ھەر يىلى سىنگاپورنىڭ شانگىرىلا مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن، شانگىرىلا سۆزلىشىشى دەپ ئاتالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر